باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاممىۋى ئەربابلار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۈچ خىل خىراجەتنى ئاشكارىلىشىنى تەلەپ قىلدى(3)

2013.06.07 09:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  غەلىتە يېرى شۇكى، غەربىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتى «مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مالىيە ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نىڭ روھىغا ئاساسەن، سىز ئىلتىماس قىلغان تۈرلەر سىزنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش، پەن تەتقىقات قاتارلىق ئالاھىدە ئېھتىياجىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. شۇڭا، مەكتىپىمىز سىزگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ۋاقتىنچە ئاشكارىلىمايدۇ دېگەننى ئاشكارىلىماسلىقنىڭ سەۋەبى قىلدى. ئوخشاش ئىلتىماس ئالدىدا، خېخەي ئۇنىۋېرسىتېتى «مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مالىيە ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، مالىيە ئۇچۇرىنى ئاشكارىلايمىز دەپ جاۋاب بەردى.

  لېي چۇاڭ ئوخشاش ھۆججەتكە غەربىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن خېخەي ئۇنىۋېرسىتېتى ئوخشىمىغان جاۋاب بەردى، بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ روھىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دېدى. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، نەنجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، ياڭجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىمالىي جۇڭگو ئېلېكتىر ئۇنىۋېرسىتېتى، نەنجىڭ مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ كەسپىي سىياسىي-قانۇن ئىنستىتۇتى، نەنجىڭ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق يەتتە ئالىي مەكتەپ بىز 2012-يىللىق نەقچوتنى يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ تەستىقلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز ياكى پائال ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە، ئومۇمنىڭ ئۈچ خىراجىتىنى ئاشكارىلاش-ئاشكارىلىماسلىقىمىز ئېنىق ئەمەس دېدى.

  چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، مەكتىپىمىز بۇ يىللىق تارماقلار نەقچوت خىزمىتىنى يەنىلا ئىشلىمەكتە، تېخى تاماملانمىدى، چىقىم نەقچوتى تېخىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىدى دەپ جاۋاب بەردى. ياڭجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتىپىمىز ئومۇمنىڭ ئۈچ خىراجىتىنى ئىشلىتىش ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ئالاقىدار تەلەپلەر بويىچە پائال ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ دەپ جاۋاب بەردى.

  بۇندىن ئىلگىرى، مالىيە مىنىستىرلىقى ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە «خۇبېي مەخسۇس خادىم ئىشخانىسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئومۇمنىڭ ئۈچ خىراجىتىنى باشقۇرۇشتىكى قالايمىقانچىلىقىنى مەركەزلىك تۈزەش كېرەك دەپ ھېسابلىدى» دەپ ئېلان قىلغان، تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، خۇبېي مەخسۇس خادىم ئىشخانىسى ئوتتۇرا جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خامچوت مۈلۈكى مالىيەسىنى تەكشۈرۈشتە، كەسپىي ئورۇن بولغان بۇ مەكتەپنىڭ ئومۇمنىڭ ئىشى بىلەن چەتئەلگە چىقىش، ئومۇمنىڭ ئىشى ئۈچۈن كۈتۈۋېلىش، ئومۇمنىڭ ئىشىغا ماشىنا سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت ئومۇمنىڭ ئۈچ خىراجىتىگە كەتكەن چىقىمنىڭ بەك كۆپلۈكى ، بوغالتىرلىق ئۇچۇرىنىڭ ھەقىقىي ئەمەسلىكى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۈچ خىراجەت مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقى، ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەشنىڭ يېتەرسىزلىكى، مەمۇرىي ئورگانلار بىلەن بىرلىكتە ئومۇمىي جەھەتتىن تۈزەش كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈشنىڭ زۆرۈرلىكىنى بايقىغان. دوكلاتتىن يەنە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئېلان قىلغان «ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى»دا، ئومۇمنىڭ ئۈچ خىراجىتىنىڭ كۆلىمى ۋە نىسبىتىنى قاتتىق تىزگىنلەش تەلەپ قىلىنغان، ئەمما نىزامدا كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئۈچ خىراجىتىنى باشقۇرۇش تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلمىغان.

  ئالىي مەكتەپ خىزمىتىنىڭ ئاشكارىلىقىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى 2012-يىلى 20-دېكابىر «مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي مەكتەپ مالىيە ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقاردى. بىراق ئۇقتۇرۇشتا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مالىيە ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتى ھەققىدە قاتتىق بەلگىلىمە چىقىرىلماي، مەركەز تارماقلىرىغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلايدىغان ئۇچۇرلار پىرىنسىپ جەھەتتىن خامچوت ئومۇمىي جەدۋىلى، كىرىم-چىقىم ئومۇمىي جەدۋىلىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك، يەرلىكتىكى ئالىي مەكتەپلەر بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلىشى كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇشۇ ئاساستا، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئالاقىدار مالىيە ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئاشكارىلىشى لازىم دەپ بەلگىلەنگەن.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە