باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاممىۋى ئەربابلار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۈچ خىل خىراجەتنى ئاشكارىلىشىنى تەلەپ قىلدى(2)

2013.06.07 09:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چېڭدۇ ئۇنىۋېرسىتېتى نۆۋەتتە مەكتىپىمىز 2012-يىللىق مالىيە نەقچوتىنى تۈزمەكتە، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەستىقلاشقا ئىلتىماس قىلىش، باشقۇرۇش تارماقلىرى تەستىقلاش ئارقىلىق، مەكتىپىمىز مالىيە ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جەمئىيەتكە مالىيە ئۇچۇرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلايدۇ ھەم دۆلەتنىڭ ئۇچۇر ئاشكارىلاشقا ئالاقىدار سىياسەت، بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئىلتىماس بويىچە ئالاقىدار مالىيە ئۇچۇرىنى ئاشكارىلايدۇ دەپ جاۋاب بەردى.

  لېي چۇاڭ يېقىندا چېڭدۇ ئۇنىۋېرسىتېتى پىلان مالىيە باشقارمىسىنىڭ تور بېكىتىگە چىقىپ، «چېڭدۇ ئۇنىۋېرسىتېتى مالىيەسىدىن ئومۇمنىڭ ئۈچ خىراجىتىگە ئاجرىتىلغان 2012-يىللىق نەقچوت ۋە 2013-يىللىق خامچوت» ئارخىپىنى چۈشۈردى. لېكىن لېي چۇاڭ ئومۇمنىڭ ئۈچ خىراجىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلايمىز دېگەن باشقا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالاقىدار تور بېكەتلىرىدىن ئاشكارىلاش ئەھۋالىنى بايقىمىدى.

  ئارخىپتىن ئايان بولۇشىچە، چېڭدۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2012-يىلى ئومۇمنىڭ ئۈچ خىراجىتىگە كەتكەن ئومۇمىي نەقچوتى ئۈچ مىليون 42 مىڭ 900 يۈەن، بۇ يىللىق ئومۇمنىڭ ئۈچ خىراجىتىگە ئاجراتقان ئومۇمىي خامچوتى ئۈچ مىليون 42 مىڭ 300 يۈەن بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، 2012-يىلى ئومۇمنىڭ ئىشى بىلەن چەتئەلگە چىقىش نەقچوتى 232 مىڭ 900 يۈەن، بۇ يىللىق ئومۇمنىڭ ئىشى بىلەن چەتئەلگە چىقىش خامچوتى 207 مىڭ يۈەن بولغان؛ 2012-يىللىق ئومۇمنىڭ ئىشىغا كۈتۈۋېلىش نەقچوتى بىر مىليون 40 مىڭ يۈەن، بۇ يىللىق خامچوتى بىر مىليون 40 مىڭ يۈەن بولغان؛ ئومۇمنىڭ ئىشىغا ماشىنا سېتىۋېلىش ۋە يول يۈرۈش خىراجىتىگە كەتكەن 2012-يىللىق نەقچوت بىر مىليون 770 مىڭ يۈەن، بۇ يىللىق خامچوت بىر مىليون 770 مىڭ يۈەن بولغان.

  ئەمما شەرقىي جۇڭگو سانائەت، تەبىئىي پەن ئۇنىۋېرسىتېتى، غەربىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتى، شاڭخەي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، پايتەخت پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق تۆت ئالىي مەكتەپ ئومۇمنىڭ ئۈچ خىراجىتىنى ئاشكارىلاشنى ئېنىق رەت قىلدى. شەرقىي جۇڭگو سانائەت، تەبىئىي پەن ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ-مەكتەپنىڭ ئۇچۇر ئاشكارىلاش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، ئىشخانىمىز ئاشكارىلىماسلىقنى قارار قىلدى دەپ سەۋەب كۆرسەتتى. شاڭخەي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن پايتەخت پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى كۆرسەتكەن سەۋەبتە «ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇچۇر ئاشكارىلاش نىزامى» تىلغا ئېلىنىپ، بۇ-بۇنىڭ ئىچىدىكى بەلگىلەنگەن ئاشكارىلاشقا تېگىشلىك مەزمۇنغا تەۋە ئەمەس، شۇڭا ئاشكارىلىمايمىز دېيىلدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە