31– ماي چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىن كەلگەن 50 نەپەر مۇنەۋۋەر ئۆسمۈر ئاپتونوم رايون شىنجاڭ «1 – ئاۋغۇست» ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئۆتكۈزگەن «قىزىل گالىستۇكلارنىڭ جۇڭگو ئارزۇسى» ناملىق پائالىيەتكە قاتناشتى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، ئەركىن تۇنىياز، گۈلشات ئابدۇقادىرلار پائالىيەتكە قاتناشتى ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ھەرمىللەت ئۆسمۈرلىرىنىڭ «1 – ئىيۇن» بالىلار بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى فوتوسى؛ خەۋىرى)