بۇ كۈنى ئەتىگەندە قۇياش ئۆزىنىڭ ئىللىق نۇرىنى مەكتەپ ھويلىسىغا سېخىيلارچە چېچىپ تۇراتتى، مەكتەپنىڭ ھەممىلا يېرىدە بالىلارنىڭ خۇشال كۈلكىلىرى ۋە ياڭراڭ ناخشا سادالىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. جاڭ چۈنشيەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 10-باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرشى بىلەنلا بالىلار خۇشال-خۇرام ھالدا جاڭ تاغىسىغا قىزىل گالىستۈك تاقاپ قويدى ھەمدە ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ مەكتەپ ھويلىسىغا ئەكىردى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 10-باشلانغۇچ مەكتەپتە ھازىر 2590 نەپەر ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1725 ى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى. مەيداندا ‹‹1-ئىيۇن›› بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. جاڭ چۈنشيەن بالىلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىپ، نومۇرلاردىن بىرلىكتە ھۇزۇرلاندى.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىدىن جۇ خەيلۈن، بەي جىجيې، ئەركىنجان تۇراخۇن قاتارلىقلار يوقلاشتا بىللە بولدى.