باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

تۈركمەنىستاندىكى ئۇماق بالىلار (4)

2013.05.31 17:07   مەنبە: خەلق تورى

تۈركمەنىستاندىكى ئۇماق بالىلار (4)

  تۈركمەنىستاندا ھەرخىل بايراملارنى تەبرىكلەش جەريانىدا، ئوماق ئۆسمۈر بالىلار پائالىيەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قىسىمى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار مىللىي خاسلىققا ئىگە كىيمىنى كىيىپ، ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ، چاۋاك چېلىپ، پائالىيەتنى تەبرىكلەيدۇ؛ تۈركمەنىستاننىڭ بۆرە ئالغۇر ئىتىغا مىنىپ ئوينايدۇ، توقۇمچىلىقنى ئۆگىنىدۇ، ھوشۇق ئاتىدۇ... ئۇلار بىر گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن. تۈركمەنىستاننىڭ بالىلىرى ناھايىتى ئوماق، كۆزلىرى چوڭ، كىرپىكلىرى ئۇزۇن، بەش ئەزاسى ناھايىتى گەۋدىلىك.

  تۈركمەنىستاندىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە قىز ئوقۇغۇچىلار يېشىل يوپكا كىيىپ، چېچىنى ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈپ، دوپپا كىيىۋالىدۇ؛ ئوغۇللار ئاق كۆڭلەك، قېنىق كاستيۇم كىيىپ، گالىستۈك تاقاپ، دوپپا كىيىدۇ.

  بىر قېتىملىق زىيارەتتە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى بېكەتتە ئەمدىلا مەكتەپتىن يانغان بىر توپ باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىنى كۆرىدۇ. ئۇلار مۇخبىرنىڭ جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ناھايىتى ئەدەب بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ھەمدە «ھازىر چىڭلوڭ قانداقراق، لى لىيەنجې يەنە كىنو ئىشلەمدۇ؟ ئەگەر ئۇنى كۆرۈپ قالسىڭىز، بىزنىڭ سالىمىمىزنى يەتكۈزۈپ قويۇڭ، بىز جۇڭگو گۇمپىسىنى ياخشى كۆرىمىز» دېگەن.

  قوشنىلارنىڭ بالىلىرى مۇخبىرنى كۆرگەندە ناھايىتى ئەدەب بىلەن «تاغا، تېچلىقمۇ» دەپ سالام بېرىپ، ئوغۇللىرى قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن، ئەگەر ئۇلار قول بېرىپ سالاملاشمىسا ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچرايدۇكەن.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز