باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

فىرانسىيەلىك خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغۇچى 300 مېتىر ئېگىزلىكتىكى جىلىغىنىڭ بوشلۇقىدا تۇرۇپ گىتار چالدى (2)

2013.05.31 16:36   مەنبە: خەلق تورى

فىرانسىيەلىك خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغۇچى 300 مېتىر ئېگىزلىكتىكى جىلىغىنىڭ بوشلۇقىدا تۇرۇپ گىتار چالدى (2)

  فىرانسىيەلىك خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغۇچى مىك كېيمىت ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى فىرانسىيە ۋېردون دەرياسى جىلغىسىنىڭ 305 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بوشلۇقىدا بىر بىخەتەر زەنجىرگە تارتىلغان سەگەنچۈكتە ئولتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن مۇزىكا چېلىپ، بىر تەرەپتىن گۈزەل مەنزىرىدىن ھوزۇرلاندى.

  ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان بۇ سۈرەتنى 27 ياشلىق فوتوگراف ئالېكساندىر تىك قىيا يېنىدا تۇرۇپ تارتىۋالغان. ئۇ بۇ قاپ يۈرەك خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنىڭ خاتىرجەم سەگەنچۈكنى ئورنىتپ، گىتار چېلىپ ھوزۇر ئېلىشقا باشلىغىنى كۆرگەندە چۆچۈپ كەتكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن :« بۇ ئىنتايىن قالتىس ھەم قىزىقارلىق. بۇ ئۇلارنىڭ يۇقىرى بوشلۇقتا مۇزىكا ئورۇنداشنى تۇنجى قېتىم سىناپ بېقىشى ئەمەس، ئەمما بوشلۇقتا مۇزىكا ئورۇنداش ھەقىقەتەن بىر يېڭى ئۇقۇم». بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغۇچىلار يەرنىڭ تارتىش كۈچىنى سىناش ئۈچۈن، ئۆزىنى زەنجىرگە تەتۈر ئېسىپ باققان. ئۇلار خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ كېلىۋاتقىلى نەچچە يىل بولغان بولۇپ، مىك نۆۋەتتە دۇنيادىكى بۇ تۈردە ماھارەت كۆرسىتىشكە ئەڭ ئۇستا ئادەملەرنىڭ بىرى ھەمدە كۆپ قېتىم ئالېكساندىرغا ئەڭ ياخشى سۈرەتكە ئېلىش ئورنىنى تاللاشقا ياردەم بېرىپ،ئالېكساندىر ئۇلارنىڭ قالتىس ماھارىتىنى خاتىرىلىگەن.

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز