2013-يىلى 22-يانۋاردىكى خەۋەر (سۈرەت تارتىلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)، ھىندىستان يېڭى دېھلىنىڭ ھەممىلا جايىدا يول بويىدىكى مەكتەپلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. يېڭى دېھلىدىكى بىر تۆمۈر يول كۆۋرۈكى ئاستىدا ھەقسىز ئوقۇتىدىغان بىر مەكتەپ بار بولۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى نامراتلارنىڭ 40تەك بالىلىرى بۇ يەردە ئوقۇيدۇ، مەكتەپ قۇرغۇچىسى راجىش كۇمار شارما چوڭ بىنانىڭ تاملىرىنى قارا دوسكا ، ئەسكى گىلەم ھەتتاكى تاشلارنى بالىلارنىڭ پارتا ـ ئورۇندۇقى قىلغان، ئۇ بۇ مەكتەپنى تۆۋەن تەبىقە كىشىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن قۇرغانلىقىنى ئېيتتى.
2013-يىلى 1-ئىيۇن، خەلقئارا بالىلار بايرىمى پۈتكۈل دۇنيادىكى بالىلارنىڭ بايرىمى. خۇشال ئۆسۈپ يېتىلىش ھەر بىر ئۆسمۈرنىڭ ئېرىشىشكە تېگىشلىك بالىلىق ھاياتى. بىراق كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى ھازىر يەنىلا نۇرغۇن بالىلار ئوق ـ زەمبىرەك ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ، نۇرغۇنلىغان بالىلار ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ. مائارىپ تەربىيەسى ئالالماي ياش تۆكۈۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، دۇنيادىكى كۆپلىگەن بالىلارنىڭ ياشاش مۇھىتى يەنىلا ئىنتايىن ناچار، بىز تۆۋەندىكى بىر قاتار سۈرەتلەرنى كۆرۈش ئارقىلىق پاجىئەلىك دۇنيادا ياشاۋاتقان بىر قاتار بالىلارنى چۈشىنىپ باقايلى. ئۇلار كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئاسراشقا موھتاج.