شۇ يەر ۋاقتى 2012-يىلى 2-سېنتەبىر، سۇرىيە ھەلەبتە، يەرلىكتىكى زور تۈركۈمدىكى ئاھالىلەر ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى جەڭدە يارىلىنىپ، دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇلدى. بۇ دوختۇرخانا ھەلەبنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، تۆت قېتىم ھاۋادىن بومباردىمان قىلىنغان بولسىمۇ يەنىلا قۇتقۇزۇشنى داۋاملاشتۇرغان.
2013-يىلى 1-ئىيۇن، خەلقئارا بالىلار بايرىمى پۈتكۈل دۇنيادىكى بالىلارنىڭ بايرىمى. خۇشال ئۆسۈپ يېتىلىش ھەر بىر ئۆسمۈرنىڭ ئېرىشىشكە تېگىشلىك بالىلىق ھاياتى. بىراق كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى ھازىر يەنىلا نۇرغۇن بالىلار ئوق ـ زەمبىرەك ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ، نۇرغۇنلىغان بالىلار ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ. مائارىپ تەربىيەسى ئالالماي ياش تۆكۈۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، دۇنيادىكى كۆپلىگەن بالىلارنىڭ ياشاش مۇھىتى يەنىلا ئىنتايىن ناچار، بىز تۆۋەندىكى بىر قاتار سۈرەتلەرنى كۆرۈش ئارقىلىق پاجىئەلىك دۇنيادا ياشاۋاتقان بىر قاتار بالىلارنى چۈشىنىپ باقايلى. ئۇلار كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئاسراشقا موھتاج.