شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 19-مارت، ئىئوردانىيەنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ھېبروندا پەلەستىنلىك بالىلار پلاكات كۆتۈرۈپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ ئسرائىلىيەنى زىيارەت قىلىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە پەلەستىن ئاممىسىنىڭ ئەركىنلىكىگە كۈچ قوشۇشىنى تەلەپ قىلدى.
2013-يىلى 1-ئىيۇن، خەلقئارا بالىلار بايرىمى پۈتكۈل دۇنيادىكى بالىلارنىڭ بايرىمى. خۇشال ئۆسۈپ يېتىلىش ھەر بىر ئۆسمۈرنىڭ ئېرىشىشكە تېگىشلىك بالىلىق ھاياتى. بىراق كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى ھازىر يەنىلا نۇرغۇن بالىلار ئوق ـ زەمبىرەك ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ، نۇرغۇنلىغان بالىلار ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ. مائارىپ تەربىيەسى ئالالماي ياش تۆكۈۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، دۇنيادىكى كۆپلىگەن بالىلارنىڭ ياشاش مۇھىتى يەنىلا ئىنتايىن ناچار، بىز تۆۋەندىكى بىر قاتار سۈرەتلەرنى كۆرۈش ئارقىلىق پاجىئەلىك دۇنيادا ياشاۋاتقان بىر قاتار بالىلارنى چۈشىنىپ باقايلى. ئۇلار كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئاسراشقا موھتاج.