باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

سومالى مۇساپىرلىرىنىڭ ئىتالىيەدىكى مۇشەققەتلىك تۇرمۇشى (2)

2013.05.29 14:19        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  20 نەچچە يىللىق ئۇرۇش سىنىقىنى باشتىن كەچۈرگەن سومالى دۇنيادىكى ئەڭ نامرات ، ئەڭ خەتەرلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى . نۇرغۇن يەرلىك ئاھالىلەر ئۇرۇشتىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش ئۈچۈن كۆچمەنلىكنى تاللىغان بولۇپ ، ئىتالىيە ئۆزىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە مۇستەملىكە قىلىش تارىخى بىلەن سومالى ئاھالىلىرىنىڭ سەرگەردان بولۇپ يۈرۈشتىكى ئالدىنقى تاللىشىغا ئايلىنىپ قالدى . ھالبۇكى ، ئۇزاق ھەم خەتەرلىك سەپەرنى باشتىن كەچۈرگەن سومالى مۇساپىرلىرىنىڭ ئىتالىيەدە ھايات كەچۈرۈشىمۇ ئۇنچە ئاسان ئەمەس .

  بۈگۈنكى كۈندە، ئىتالىيە ھۆكۈمىتى سەرگەردان مۇساپىرلارنى قوغداشنى توختاتتى ، ئايرىم مۇداخىلە (ئارىلىشىش) دىن سىرت، ھۆكۈمەت مۇساپىرلارنى ھېچقانداق تۇرالغۇ مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىمەيدۇ ، ئۇلارغا ئىتالىيانچىمۇ ئۆگەتمەيدۇ ، ئۇلارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشنى تىلغا ئېلىش تېخىمۇ ھاجەتسىز. بۇ مۇساپىرلار كۆپىنچە تاشلاندۇق قۇرۇلۇشلار ئىچىدە تۇرىدۇ، قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن بولسا ۋاقتىنچە مۇساپىرلار مەركىزىدە تۇرىدۇ. سومالى مۇساپىرلىرى ۋاقىتلىق تۇرالغۇسىنى قايتا-قايتا ئالماشتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىتالىيەدە ئادەتتىكىچە تۇرمۇش كەچۈرۈشىمۇ ئىنتايىن مۈشكۈل.

  فوتوگراف Lorenzo Masi تارتقان بۇ بىر يۈرۈش سۈرەتلەردە، سومالى مۇساپىرلىرىنىڭ ئىتالىيەدىكى مۇشەققەتلىك تۇرمۇشى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. سۈرەتتىكى كىشىلەرنىڭ قاراشلىرى، چىراي ئىپادىلىرى، ھەرىكەتلىرى ئۇلارنىڭ ياقا يۇرتتىكى تىرىكچىلىكىنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە