باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش سەپەرۋەرلىك تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز(5)

2013.05.23 14:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈچىنچىدىن، زۆرۈر مەمۇرىي تەستىق تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ تىپ ئۆزگەرتىشىدە جەريان بولۇشى كېرەك، تەستىقلاش زۆرۈر بولمىغانلارنى قايتا تەستىقلىماسلىق، تەستىقلاشقا تېگىشلىك بولغانلىرىنى ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇپ تەستىقلاش كېرەك. تۈرلۈك ئامىللار تۈپەيلىدىن پولات – تۆمۈر، بېتون قاتارلىق ساھەلەردىكى تۈرلەرنى تەستىقلاشقا توغرا كېلىدۇ، بىراق كۆپ يىللاردىن بۇيان باشقۇرۇلماي ۋە ياخشى باشقۇرۇلماي كەلگەچكە، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى زىيادە ئېشىپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلدى. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، كىيىم – كېچەك قاتارلىق ساھەلەر بازارلىشىش يولىغا مېڭىپ، ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقلىشىغا ئەمەس، بەلكى بازارنىڭ ياخشىلىرى تاللىنىش، ناچارلىرى شاللىنىش قانۇنىيىتىگە تايانغاچقا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى زىيادە ئېشىپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلمىدى. بۇ تەستىقلاشقا تېگىشلىكلىرىنى تەستىقلاش ئۆتكىلى چىڭ تۇتۇلمىسا، ئىجرا قىلىش ئۈنۈملۈك بولمىسا، كۈچەپ ئىش بېجىرسىمۇ، ئىش ئويلىغاندەك بولمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن كۆرە بازارغا قويۇپ بەرگەننىڭ تۈزۈكلۈكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە. تەستىقلاش ھوقۇقىنى ئادا قىلغاندا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، ئۆز ساھەسىدىكى ئىش بولسا ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، مەسىلە كۆرۈلسە مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئالالايدىغان بولۇش، مەلۇم قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش، ھەقىقەتەن تەستىقلاشقا تېگىشلىك ئىشلارنى باشقۇرۇش ۋە ياخشى باشقۇرۇش كېرەك. ھازىر مۇنداق ئەھۋال ئومۇملىشىپ قالدى: بىر تۈرنى ئەمەتكە ھەم سەمەتكىمۇ تەستىقلاپ بېرىشكە بولىدۇ؛ بالدۇر تەستىقلاشقا ھەم كېيىن تەستىقلاشقىمۇ بولىدۇ؛ كۆپرەك تەستىقلاشقا ھەم ئازراق تەستىقلاشقىمۇ بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئادىل رىقابەتلىشىش بازار مۇھىتى يارىتىشقا پايدىسىز، شۇنداقلا بازار سۇبيېكتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات مۆلچەر مەزگىلىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەم چىرىكلىشىش ھادىسىسى ئاسانلا باش كۆتۈرىدۇ. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۆلچەم تۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، بۇ مەمۇرىي ئىقتىدارىمىز ئۈچۈن ھەقىقىي سىناق بولالايدۇ. تۈزۈلمە جەھەتتە كاپالەتلەندۈرۈپ، مەمۇرىي تەرتىپنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، تەستىقلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆلچەم ئېنىق، تەرتىپى قاتتىق، مەشغۇلات قېلىپلاشقان، چەكلەش ئۈنۈملۈك، ھوقۇق – مەسئۇلىيەت ئېنىق ئايرىلغان باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، ماكرولۇق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك. فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىپ، كىچىك ئىشلارنى باشقۇرۇش ئازايتىلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ماكرولۇق باشقۇرۇشقا تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى ئاجرىتىپ، باشقۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ياخشى باشقۇرالايدۇ. جاھانغا باققان خار بولماس. تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە تېگىشلىك ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرگەندىلا، چوڭ ئىشلارنى تۇتۇپ، ئۇزاقنى ئويلىشىپ، ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، كىچىك ئىشلارنى ئاز باشقۇرۇشقا، ماكرولۇق باشقۇرۇشقا كۆپرەك ئىمكانىيەت تۇغۇلىدۇ. ماكرو تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى ماكرولۇق تەڭشەشنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە سىياسەتلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ تۈزۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، مۇھىم قۇرۇلمىلارنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەملىكەت بازىرىنىڭ بىر تۇتاش ئېچىلىشىنى ھىمايە قىلىپ، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت. ھازىرقى مۇرەككەپ ئىقتىسادىي مۇھىتتا، ئۆزگىرىشكە نىسبەتەن تەمكىن بولۇپ، مۆلچەرلەنگەن تەرەققىيات نىشانى بويىچە تەڭشەپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، سۇ كەلگىچە توغان سېلىپ، تۈرلۈك ئېھتىماللىقلارنى تولۇق ئويلىشىش كېرەك، مەسىلەن ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى داۋاملىق ئاشسا قانداق قىلىش كېرەك؟ مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى يۇقىرى چەكتىن ئېشىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىدا داۋالغۇش بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ ھەقتە ئالدىنئالا تەڭشەش ۋە تىزگىنلەش لايىھەسى تۈزۈش كېرەك. ماكرولۇق تەڭشەشنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەت كونترول قىلىۋاتقان بايلىقلارنى مۇھىم ساھە ۋە مۇھىم ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاز كۈچ بىلەن زور كۈچنى يېڭىش رولىنى ئويناپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ھۆكۈمەت ۋە بازارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك، مەركەز ماكرولۇق تەڭشەشتە نوپۇزىنى تىكلىشى، ئىمكانىيەت قالدۇرۇشى كېرەك. ماكرولۇق ۋەزىيەتتە زور ئۆزگىرىش بولغاندا، گوۋۇيۈەن بىر تۇتاش ئويلىشىپ زۆرۈر ئارىلىشىش تەدبىرىنى قوللىنىدۇ، يەرلىك بۇنى چۈشىنىشى ھەم قەتئىي ئىجرا قىلىشى كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مەملىكەت بويىچە ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىپ، ئومۇمىيەت ئېڭى ۋە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نوپۇزىنى ئاڭلىق قوغداپ، مەركەزنىڭ چوڭ سىياسەت – فاڭجېنلىرىنىڭ بىردەكلىكى ۋە كەسكىنلىكىنى ھىمايە قىلىپ، ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئەمىر – پەرمان راۋان بولۇش ۋە چەكلەنگەننى توختىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەيمەنكى، ھۆكۈمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندا جەزمەن قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا تايىنىش كېرەك. بازار ئىگىلىكىنىڭ ماھىيىتى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشنىڭ تەلىپى. گوۋۇيۈەن، تارماقلار ۋە ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي قانۇننىڭ قانۇنىي نوپۇزىنى قوغداپ، قايسى فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلسۇن، ھەرىكەتتىن تەرتىپكىچە، مەزمۇندىن شەكىلگىچە، تەدبىر بەلگىلەشتىن ئىجرا قىلىشقىچە قانۇنىي بەلگىلىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي ھوقۇقنى قانۇن ۋە تۈزۈم رامكىسىدا يۈرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. كارخانا، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسنىڭ ئىش – ھەرىكىتىنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ، بازار ئىگىلىكىنىڭ يۈرۈشۈش تەرتىپىنى قوغداپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى بويىچە ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىپ، ئىسلاھات – تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. ئۈچىنچى، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئوبدان قىلىش كېرەك يېڭى نۆۋەتلىك گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. بۇ خىزمەتنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىگە بولغان تونۇشىمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كىچىك ئىشلارغا ئارىلىشىشنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى بەرپا قىلىپ، زۆرۈر جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ماكرولۇق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ زور غەيرەت ۋە ئەقىل – پاراسەت، تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ ۋە ئىرادە بىلەن بۇ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئوبدان قىلىشىمىز كېرەك.

  بىرىنچىدىن، تەشكىللەش ۋە رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. بۇ قېتىم ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشتە، گوۋۇيۈەن تارماقلىرى جۈملىدىن ئىچكى ئاپپاراتلار ئالدىدا مېڭىپ، داۋاملىق باشلامچى بولۇپ، بىر دەرىجىلىك تارماق يەنە بىر دەرىجىلىك تارماققا ئۈلگە بولۇشى كېرەك. گوۋۇيۈەن ئورگان فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە ئالاقىدار خىزمەت مېخانىزمى ئورناتتى. ھەرقايسى تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار ئۆز تارمىقىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە تولۇق مەسئۇل بولىدۇ، مەسئۇلىيەت ھەرقايسى مەھكىمە، ئىدارە، باشقارما، بۆلۈملەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، تەڭ يولغا قويۇلىدۇ، ئالدىنى ئالالماسلىقتىن ھەم نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈنۈملۈك بولماسلىقتىن ساقلىنىپ، ‹‹ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرسە قالايمىقانچىلىق چىقىدىغان، قالايمىقانچىلىق چىقسا ھوقۇقنى قايتۇرۇۋالىدىغان، ھوقۇقنى قايتۇرۇۋالسىلا چاتاق چىقىدىغان›› غەلىتە ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. مەركەز ئىشتات ئىشخانىسى باشلامچى تارماقلار قەتئىي مەسئۇل بولۇپ، تارماقلار ئوتتۇرىغا قويغان فۇنكسىيە ئۆزگەرتىش ئىشلىرىنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىپ تەكشۈرۈپ، بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، تارماقلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھازىرقى مەمۇرىي تەستىقلاش ئىشلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش كېرەك، ‹‹مۆكىمۆكىلەڭ ئويناش››قا، ساختىلىق ئارىلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. يېڭى بىر تۈركۈم ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈلىدىغان ئىشلارنى تېزدىن مۇزاكىرە قىلىپ، خېلى زور سالماقنى ئىگىلەيدىغان، جەمئىيەتتە ئىجادچانلىقنى قوزغايدىغان تەستىقلاش ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش كېرەك. ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ۋە ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە تېگىشلىك بولسىمۇ، بىر مەھەل ئورۇندىغىلى بولمايدىغان ئىشلاردا ۋاقىتنى ئېنىق بەلگىلەپ، تەستىقلاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش كېرەك. فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش تەلىپىگە ئاساسەن، تەرتىپ بويىچە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇن – نىزاملارنى رەتكە سېلىش ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ۋە ھوقۇق تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن مەمۇرىي تەستىقلاش ئىشلىرى بويىچە خىزمەت ئەھۋالىنى تارماقلارنىڭ يىللىق باھالاش خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، يەرلىك ھۆكۈمەت يېقىندىن ئەگىشىپ مېڭىشى كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر گوۋۇيۈەن ئەمەلدىن قالدۇرغان مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرلىرىنى بازار ۋە جەمئىيەتكە قويۇپ بېرىشى، ھەرقانداق دەرىجىلىك تارماق تۇتۇپ قالماسلىقى كېرەك. يەرلىككە چۈشۈرۈلگەن تەستىقلاش تۈرلىرىدە، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆز دەرىجىلىك ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنىڭ كونكرېت تەدبىرىنى چىڭ تۇتۇپ مۇزاكىرە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە تېگىشلىك مەمۇرىي تەستىقلاش ئىشلىرىنى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئومۇمىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئۆلكىسىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

  تۆتىنچىدىن، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئۈنۈملۈك بولۇشى كېرەك. فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، پولاتتەك ئىنتىزام ۋە ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىشقا تايىنىش كېرەك. يۇقىرىنىڭ سىياسىتىگە قارشى تەدبىر قوللىنىشقا يول قويۇلمايدۇ، ئىزچىل ئىجرا قىلىش جەريانىدا تولۇق ئىجرا قىلماسلىققا، تاللاشقا، ئۆزگەرتىۋېتىشكە بولمايدۇ، ئۆزئارا قۇرۇق تالاش – تارتىش قىلىشقا، مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ كەينىگە سۈرۈشكە، ئەمەلىيەتتە ھوقۇق بېرىپ ئاستىرتىن چەكلەشكە بولمايدۇ. ئىسلاھات ئوچوق – ئاشكارا يولغا قويۇلۇشى كېرەك، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن ۋە ساقلاپ قېلىنغان مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن ئاشكارىلاپ، جامائەت پىكرى ۋە جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش كېرەك. ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە تەكشۈرۈش كېرەك، تارماقلار مۇشۇ تەلەپ بويىچە، ئۆزىنى تەكشۈرۈپ ۋە تۈزىتىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇننىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. گوۋۇيۈەن مۇۋاپىق ۋاقىتتا نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن تەستىقلاش ئىشلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئىگىلەپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىگەنلەرنى تەقدىرلەيدۇ، بولۇپمۇ ئاپپاراتلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ساقلاپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلغان تەجرىبىلەرنى ئومۇملاشتۇرىدۇ. خىزمەتلەرنى جانلىق ئىلگىرى سۈرمىگەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

  يولداشلار، گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش زور ئىسلاھات. ئىسلاھات ھەرىكەتكە باغلىق. بىز پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئەتراپلىق تەشكىللەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، يېڭىلىق يارىتىشچان ھۆكۈمەت، پاك ھۆكۈمەت، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشايلى!

  
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە