باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش سەپەرۋەرلىك تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز(4)

2013.05.23 14:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي قاتلامغا يېقىن بولۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىش تەلىپىنى چىقىش قىلىپ، تەستىقلاش زۆرۈر ئەمما يەرلىك يولغا قويسا تېخىمۇ قولاي، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدىغان بەزى سېلىنما تەستىق ئىشلىرى ۋە مىقدارى كۆپ، دائىرىسى كەڭ ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت پائالىيىتى تەستىق ئىشلىرىدا ھوقۇقنى قەتئىي تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، بۇ قېتىم شەھەر تېز سۈرئەتلىك رېلىسلىق قاتنىشى، ئايروپورتنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قاتارلىق سېلىنما تۈرلىرىنى تەستىقلاش ياكى تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى يەرلىككە چۈشۈرۈپ بەردۇق. خىزمەت ھوقۇقىنىڭ تەڭشىلىشى مۇقەررەر ھالدا مالىيە ھوقۇقىغا چېتىلىدۇ، مالىيە يۆتكەلمە چىقىم تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى قەتئىي تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېقىندا ئۆلكىلەرنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتى سىنىقىنى تەتقىق قىلغاندا شۇنى بىلدۇقكى، مەركەز تارماقلىرىدىن ئۆلكىگىچە بولغان يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق مەبلەغ تۈرىدىن تەخمىنەن 100 مەخسۇس تۈر بار بولۇپ، كۆپ تەرەپتىن باشقۇرۇش، باشقۇرۇشتا بىپەرۋالىق قىلىش قاتارلىق نۇقسانلار ناھايىتى كۆپ ئىكەن. بىز قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، مەركەزنىڭ يەرلىككە بولغان مەخسۇس يۆتكەلمە چىقىم قىلىش تۈرىنى بىر قەدەر زور نىسبەتتە ئازايتىپ، ‹‹مەخسۇس تۈرلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئادەتتىكى تۈرلەرنى كېڭەيتىپ››، يەرلىكنىڭ باشقۇرۇشىغا ماس كېلىدىغان مەخسۇس يۆتكەلمە چىقىم تۈرىنى تەستىقلاش ۋە مەبلەغ تەقسىم قىلىش خىزمىتىنى يەرلىككە چۈشۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىنى مالىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھوقۇق بولغانىكەن مەسئۇلىيەتمۇ بولۇشى كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەت بىر تۇتاش غەملەنگەن مەبلەغنى ئىشلىتىش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، پۇلنى مەركەز تەلەپ قىلغان تەرەپكە، ئىلمىي تەرەققىياتقا ئىشلىتىشى كېرەك.

  ئىككىنچى، باشقۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشلارنى باشقۇرۇپ ۋە ياخشى باشقۇرۇپ، مەمۇرىي باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

  گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشتە، بەزى ھوقۇقلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىپلا قالماي، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىنى ياخشىلاش ۋە كۈچەيتىش كېرەك، تېخىمۇ مۇھىمى مىكرو ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش ئاساسىدا ماكرولۇق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، جامائەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى ھۆكۈمەت قۇرۇش كېرەك. بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتى، ئىجرا قىلىش كۈچى ۋە نوپۇزىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، خەلققە مۇلازىمەت قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

  بىرىنچىدىن، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھوقۇقنى ئىمكانقەدەر تۆۋەنگە چۈشۈرۈشتىكى بىر مۇھىم مەقسەت شۇكى، تۈرلۈك بازارلارنىڭ سۇبيېكتى ئۈچۈن ئادىل رىقابەتلىشىدىغان تەرەققىيات مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىش. ئادىل مۇھىت بولغاندىلا، ئادىل رىقابەت بولىدۇ. نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ بازار ئىگىلىكى تەرتىپى تېخى قېلىپلاشمىغان، تىجارەتتە سەمىمىيلىك كەمچىل، ساختا، ناچار تاۋارلار كۆپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرى دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، بايلىق زىيادە ئىسراپ قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋاللار ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنمىسە، سەمىمىي، لەۋزىدە تۇرىدىغان تىجارەتچىلەر ئۈچۈن ئادىل بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ناچارلار ياخشىلارنى بازاردىن ھەيدەپ چىقىرىدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈپ، پۈتكۈل ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلىرىنىڭ نورمال تىجارىتىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دۆلىتىمىزگە مەبلەغ سېلىشىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتا ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش بىلەنلا بولدى قىلماي، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

  ھازىر نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا زور خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن بولغان ساھەگە قويۇشىمىز كېرەك. مەسىلەن، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئاممىنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە تاقىلىدۇ، پۇقرالار ئاشلىقنى تىرىكچىلىكنىڭ ئاساسى قىلىدۇ، مەركەزدىن يەرلىك ھۆكۈمەتكىچە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. يېقىندا ‹‹ساختا قوي گۆشى››، ‹‹زەھەرلىك زەنجىۋىل›› ۋەقەسى كەينى – كەينىدىن يۈز بېرىپ، ئاممىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋەتتى. بۇ قىسمەن، بىخ ھالەتتىكى مەسىلە بولسىمۇ، بىراق تەسىرى يامان، زىيىنى ئېغىر بولدى، بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، قالايمىقانچىلىقنى تۈگىتىپ، جىنايەتچىلەرنى ئېغىر بەدەل تۆلەتكۈزۈپ، چاتاق سۈت پاراشوكى مەسىلىسىگە ئوخشاش ئىناۋەت كىرىزىسىنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ھازىر مالىيە جەھەتتە جىددىيچىلىك بولسىمۇ، ئاساسىي قاتلامنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋاسىتىسىنى كۈچەيتىشكە ئايىماي پۇل خەجلەپ، پۇقرالارنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە بولغان ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. مۇھىت ئاسراش مەسىلىسى زور تەرەققىيات مەسىلىسى، شۇنداقلا زور خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مۇھىت ئاسراش جەھەتتە نۇرغۇن تەدبىر قوللاندۇق، قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مۇھىت باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قويدۇق، لېكىن مۇھىم ئىشلارنى ئاۋۋال تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، باشقا ئىشلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا ئېغىر بولغاچقا، پۈتكۈل جەرياننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مۇمكىن بولماي، بەزى تۈرلەر قۇرۇلۇش جەريانىدا ۋە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، مۇھىت مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى پەيدا قىلدى. بىز مۇھىت خىزمىتىدە يېڭى سەۋەنلىك سادىر قىلمايمىز، كونا خاتالىقلارنى تۈزىتىمىز، دەپ كېلىۋاتىمىز، ئەگەر نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتمىسەك بۇ قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش مۇھىت ئاسراش ۋە ئېنېرگىيە تېجەش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا، يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە پايدىلىق.

  بۇ قېتىمقى فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىشتە، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ماس قەدەمدە بولۇشى كېرەك. مەمۇرىي تەستىقلاش كۆپلەپ ئازايتىلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشى ئىشتىن ئاۋۋال تەستىقلاشتىن ئىش ئارىلىقىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئۆزگىرىپ، ‹‹كەڭ قويۇۋېتىش، قاتتىق باشقۇرۇش›› يولغا قويۇلىدۇ. ئىش ئارىلىقىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشتە، مەسىلە بايقالغان ھامان ئىشنى توختىش، جازا بېرىشنى، بۇ كىشىلەرنى رەنجىتىدىغان، ھەتتا باشقىلارغا ‹‹يامان›› بولىدىغان ئىش، بۇ ئىشتىن ئاۋۋال تەستىقلاشتىنمۇ قىيىن، بۇنىڭدا خىزمەت ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ، ئىشتىن ئاۋۋال تەستىقلاشتا باشقىلار سىزنى ئىزدەپ كېلىدۇ، ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا سىز تۆۋەنگە چۈشۈپ، نەق مەيدانغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرىسىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەزى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە كادىرلار مەمۇرىي تەستىقلاش جەھەتتە دائىم تونۇش ۋە ئاسان ئىشقا يۈگۈرەيدۇ، بىراق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش جەھەتتە چارە – تەدبىر ھەم تەجرىبىلەر كەمچىل. بۇ ئاساسلىقى كادىرلار سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى تۈزۈلمىنىڭ مۇكەممەل بولمىغانلىقىدىن، شۇڭا، ئىشلار تولۇق ۋۇجۇدقا چىقمايۋاتىدۇ. بۇنداق باشقۇرۇش ئۇسۇلىدىكى ئۆزگىرىش تارماقلار، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئۈچۈن يېڭى سىناق ۋە خىرىس، دېمەك مەسئۇلىيەت ئېغىر، تەلەپمۇ يۇقىرى. بىز خەلقنىڭ ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەتنىڭ مەمۇرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خەلققە، دۆلەتكە مەسئۇل بولۇپ، بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ، سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىمىز كېرەك، بۇنىڭدىن ھېچكىم مۇستەسنا ئەمەس.

  ئىككىنچىدىن، جامائەت مۇلازىمىتى ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. جەمئىيەتنى باشقۇرۇش بىلەن جامائەت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتى. ئىقتىسادىي ساھەدە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش بىلەن بىللە، خەلقنى سۈپەتلىك جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش مەسئۇلىيىتىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ھازىر مەھسۇلات تەمىناتى يېتەرلىك، ھەتتا بەزى جەھەتلەردە ئېشىپ كەتتى، مۇلازىمەت جەھەتتە يېتەرسىزلىك بار، سۈپەتنىمۇ ئۆستۈرۈش زۆرۈر. مۇلازىمەت تەمىناتىنى ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئېھتىياجنى قامداشتا، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى بازار ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ‹‹ئاساسنى ساقلاش››قا قويۇپ، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان ‹‹بىخەتەرلىك تورى››نى تېز بارلىققا كەلتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسىي بولمىغان جامائەت مۇلازىمىتى ساھەسىدە بازار ۋە جەمئىيەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئىجتىمائىي مەبلەغنى كۆپلەپ كىرگۈزۈپ، رىقابەتلىشىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجنى قاندۇرۇش كېرەك. ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىدىمۇ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەردىن كۆپرەك پايدىلىنىپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش يېتەكچى پىكرىنى تېزدىن تۈزۈپ ئېلان قىلىش كېرەك. بازارغا ماس كەلسە، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۈستىگە ئالسا، ھاۋالە قىلىش، ھۆددىگە ئېلىش، سېتىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بازار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلسە بولىدۇ، ھۆكۈمەت ئىشىنى بېجىرىش ئۈچۈن كادىر قوبۇل قىلىشقا، ئورگان تەسىس قىلىشقا بولمايدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندا جامائەت مۇلازىمىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تېزلىتىپلا قالماستىن، يەنە جامائەت مۇلازىمىتى تەرەققىيات يېڭى مېخانىزمى شەكىللىنىپ، كارخانا، پۇقرالار ۋە ھۆكۈمەتكە نەپ يەتكۈزىدىغان پايدىلىق ئىش بولىدۇ. جامائەت مۇلازىمىتى ساھەسىدە بازار مېخانىزمىنى كىرگۈزۈش بىلەن بىللە، ھۆكۈمەت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش كېرەك، ئەلۋەتتە.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە