- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


گوۋۇيۈەن ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش سەپەرۋەرلىك تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز(3)
2013.05.23 14:03 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ئىككىنچىدىن، ئاپپاراتلارنى قىسقارتىپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ھازىرنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپلا قالماستىن، يەنە يىراقنى كۆزلەپ، ھازىرنى مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن ئۇزاققا بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى ئاشۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ئۇزاققا بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئالدى بىلەن كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، سانائەت قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، مۇلازىمەت كەسپىنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. مۇلازىمەت كەسپى راۋاجلانمىسا، تىپ ئۆزگەرتىش، دەرىجە ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش قىيىنغا توختايدۇ، ئىستېمال تۈرتكىسىنىمۇ جانلاندۇرغىلى بولمايدۇ. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بىر قانچە ئېيىدىكى ئىجتىمائىي تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر قەدەر تۆۋەن بولدى، 1 – پەسىلدىكى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئارانلا %8.3 ئاشتى، ئاپرېلدىكى مۇلازىمەت كەسپى سودا باشقۇرغۇچىسى كۆرسەتكۈچى 51.1 گە چۈشۈپ قالدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى دۆلىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت كەسپى تەرەققىياتىنىڭ يەنىلا نىسبەتەن ئاستا، قۇرۇلما تەڭشەش ۋەزىپىسىنىڭ يەنىلا نىسبەتەن مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان ئەڭ چوڭ توسالغۇ تۈزۈلمە مېخانىزمى مەسىلىسى، مەيلى پۇل مۇئامىلە، ئالاقە، ئوبوروت بولسۇن، ياكى كۈتۈنۈش، داۋالىنىش كەسپى، مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن باشقا مائارىپنىڭ ھەممىسىدە مەمۇرىي خاراكتېرلىك مونوپوللۇق، تەستىق زىيادە كۆپ بولۇش مەسىلىسى مەۋجۇت، بازار ئىجازىتىنىڭ بوسۇغىسى بىر قەدەر، ھەتتا ناھايىتى ئېگىز، ئەمما دەل مۇشۇ كەسىپلەر ئوتتۇرا ھال كىرىم باسقۇچى تەرەققىياتىدىكى يوشۇرۇن كۈچى زور بولغان كەسىپلەردۇر. بۇلارغا قارىغاندا، ئۇچۇر ئىستېمالى ساھەسىنىڭ بازارلىشىش دەرىجىسى بىر قەدەر يوقىرى بولغانلىقتىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېز راۋاجلاندى، 2012 – يىلى دۆلىتىمىزدە تورداشلار 560 مىليون كىشىگە يەتتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا كۆلىمى 8 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى، بۇ يىل 1 – پەسىلدە 2 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45 ئاشتى، بۇ ساھەنىڭ راۋاجلىنىش ئىستىقبالى يەنە زور.
ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىشتە، تۈزۈلمە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. بازار تۈزۈلمىسى ئەلالارنى تاللاش، ناچارلارنى شاللاش ئۈنۈمىگە ئىگە. كارخانا بازار رىقابىتىگە پائال قاتناشقاندىلا، تېخنىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مەھسۇلاتلاردا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۈزۈلمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئىگە بولالايدۇ، رىقابەتتە يېڭىپ چىقالايدۇ. بازار مېخانىزمىنىڭ كۈچىگە ئىشىنىشىمىز، فۇنكسىيەنى چوقۇم ئۆزگەرتىپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت پائالىيىتىگە بىۋاسىتە ئارىلىشىشىنى ئازايتىپ، بازارنى ئايرىۋېتىش ۋە مونوپول قىلىۋېلىشنى توختىتىپ، تىپ ئۆزگەرتىش – راۋاجلىنىشنى چەكلەيدىغان تۈزۈلمە مېخانىزمى توسالغۇسىنى تۈگىتىپ، كارخانا بىلەن كەسىپنى رىقابەت ئىچىدە سەرخىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ تىپ ئۆزگەرتىشىنى ‹‹بۇلاق سۈيى›› بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك. ھازىر، دۆلىتىمىز سانائەتلىشىش، بازارلىشىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بوشلۇقى ئىنتايىن چوڭ، ئېشىشنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە كارخانىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرسەكلا، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى شەكىللەندۈرەلەيمىز.
ئۈچىنچىدىن، ئاپپاراتلارنى قىسقارتىپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك يارىتىش، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى جانلاندۇرۇش كېرەك. ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا ئىش ئورنىنى كۆپەيتىش ئۈچۈندۇر. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بىر قانچە ئېيىدا، ئىقتىسادىي ئېشىش ئاستىلىغان ئەھۋالدا، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىدە مۇقىملىق ساقلاندى. ئەمما ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمى يەنىلا مەۋجۇت، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسى گەۋدىلىك بولماقتا. بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغانلار 6 مىليون 990 مىڭ بولۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر تارىختىكى ئەڭ كۆپ يىل، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش مۇھىم ۋەزىپە. ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشتە تايىنىدىغان كارخانا، دۆلەت ئورۇنلىرى چەكلىك، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى، كۆپ خىل ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ھازىر، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئىش ئورنىنىڭ %80 تىن كۆپرەكى بىلەن تەمىنلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر، بازاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلارنى قوبۇل قىلىش سۇبيېكتىغا ئايلاندى. ئەمما ھازىر ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى ئېچىشتا يەنە نۇرغۇن چەكلىمە بار بولۇپ، بۇ چەكلىمىلەر ھەم تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا پايدىسىز. يېقىندا، بىر سانلىق مەلۇماتنى كۆردۈم، بۇ يىلنىڭ 1 – پەسلىدە، مەملىكىتىمىزدىكى يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرغان كارخانىلار بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.7 ئازىيىپتۇ، ۋاھالەنكى، بەزى جايلاردا سودا سانائەت تىزىملىتىش ئىسلاھاتى ئالدىن سىناق قىلىنىپ، ئالدىنقى تەستىقلار بىكار قىلىنىپ، يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرغان كارخانىلارنىڭ ئېشىش نىسبىتى %50–%40 كە يېتىپتۇ، بۇنىڭ كۆپىنچىسى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئىكەن. بۇ ئىككى قېتىمدا بىكار قىلىنغان ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن 133 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق قاتارلىق ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، كېيىنكى قەدەمدە كارخانىنىڭ سودا – سانائەت تىزىمغا ئالدۇرۇش قاتارلىق تۈزۈم ئىسلاھاتلىرىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، ئاممىنى تېخىمۇ كەڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يولى ۋە تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى قوزغاش كېرەك.
ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك يارىتىش تەس بولۇش ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ سالاھىيەت تەلىپى، بېكىتىشى، ئىمتىھانى، كىنىشكىسىنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن خېلىلا مۇناسىۋەتلىك. ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، ھازىر گوۋۇيۈەن تارماقلىرى ئىجازەت قىلغان شەخسىي سالاھىيەت 110 تۈرلۈك، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى تارقىتىدىغان سالاھىيەت كىنىشكىسى 229 خىل بولۇپ، نامى كۆپ بۇنداق سالاھىيەتلەرنى بېكىتىش ئەمەلىيەتتە ئىشقا ئورۇنلىشىش بوسۇغۇسىنى ئېگىزلىتىۋېتىدۇ، ئۇزاققا سوزۇلغان كىنىشكا بېكىتىش جەريانى نۇرغۇن كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىنى توسۇپ قويىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ئىنتايىن مول، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشىدا يېڭى نوپۇس پايدىسى يوشۇرۇنغان، ۋاھالەنكى، زىيادە كۆپ ۋە ۋاقىت كېتىدىغان مەمۇرىي تەستىق بۇ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويماقتا. فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىش، تەستىق ھالقىسىنى ئازايتىش ئارقىلىق، زۆرۈر بولمىغان سالاھىيەت ئىجازىتى ۋە سالاھىيەت بېكىتىشىنى داۋاملىق تۈزەپ، ساھە بىرلەشمىسىنىڭ رولى ۋە مەسئۇلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە دىققەت قىلىپ، سالاھىيەت سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىكنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ھالدا ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش بوسۇغىسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئادىل مۇھىتىنى يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىشىمىز كېرەك.
تۆتىنچىدىن، ئاپپاراتلارنى قىسقارتىپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئارقىلىق يەرلىكنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ يېرى كەڭ، رايونلار ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەڭپۇڭسىز، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئوخشاشلا ياخشى جارى قىلدۇرۇش، يەرلىككە چۈشۈرۈشكە تېگىشلىك ھوقۇقنى قەتئىي چۈشۈرۈش كېرەك. مەسىلەن، سىچۇەن لۇشەندە يەر تەۋرىگەن كۈنى بىز ئاپەت يۈز بەرگەن نەق مەيداندا ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، يەرلىكنى ئاساس قىلغان، مەركەزنىڭ تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەر بىر تۇتاش نىشانلىق ئىشلەش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، يەرلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى ئېنىق بەلگىلىدۇق. نۇرغۇن كونكرېت ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى يەرلىكتىكى ۋە 1 – سەپتىكى يولداشلار ئۈستىگە ئالدى، بۇ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈردى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چوڭ، جىددىي ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن يەرلىكنىڭ قىلىشى ۋە باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇشقا تامامەن بولىدۇ، شۇڭا، يەرلىكنىڭ باشقا نۇرغۇن ئىشلارنى ياخشى قىلالايدىغانلىقى ۋە باشقۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىز كېرەك. گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ باشقۇرۇشى زىيادە كۆپ، زىيادە ئىنچىكە بولۇپ كەتسە، ئەكسىچە ياخشى باشقۇرغىلى بولمايدۇ. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقىغا ئاساسەن دەرىجە بويىچە باشقۇرۇشى، بولۇپمۇ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا چېتىلىدىغان كونكرېت ئىشلارنى يېقىن جايدا باشقۇرۇش، ھەممىنى بېيجىڭغا ئەكىلىپ تەستىقلاتماسلىق كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە