باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش سەپەرۋەرلىك تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز(2)

2013.05.23 14:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرىنچى، تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە تېگىشلىك ھوقۇقنى قەتئىي چۈشۈرۈپ ۋە جايىدا چۈشۈرۈپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ئىجادچانلىق ھاياتىي كۈچىنى قوزغاپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك

  بىز بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە، گوۋۇيۈەن تارماقلىرى يولغا قويىدىغان مەمۇرىي تەستىقلاش ئىشلىرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئازايتىش توغرىسىدا ئاشكارا ۋەدە بەردۇق، مۇشۇ يىلدىلا ئازراق بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئىشنى ياخشى باشلىشىمىز كېرەك. بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، بازار، جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىق ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ قوزغاپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش ھەم ھازىرغا ھەم يىراق كەلگۈسىگە پايدىلىق بولۇپ، ئىسلاھاتنىڭ نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىش، جۇڭگو ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈشنىڭ مۇھىم تەدبىرى.

  بىرىنچىدىن، ئاپپاراتلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى سىلىق باشلاندى، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەمما ھازىر ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى مۇرەككەپ بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى بىر قەدەر ئېغىر، بەزى ساھەلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى زىيادە ئېشىپ كېتىش زىددىيىتى گەۋدىلەنمەكتە، مالىيە پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە يەنە نۇرغۇن يوشۇرۇن خەۋپ مەۋجۇت. ئاپرېلدا تۆمۈر يول يۈك تىرانسپورت مىقدارى قاتارلىق ئىقتىسادىي مەشغۇلات كۆرسەتكۈچى ئانچە ياخشى بولمىدى، ياسىمىچىلىق سودا باشقۇرغۇچىسىنىڭ كۆرسەتكۈچى مارتتىكىدىن 0.3 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى. مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىشى ئاستا بولغان، مەركەز مالىيەسى سىجىل مەنپىي ئېشىۋاتقان، زاپاس پۇل بىر قەدەر كۆپ بولغان ئەھۋالدا، كەڭ مەنىدىكى پۇل تەمىنات مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز بولدى. بۇ يىلقى تەرەققىياتنىڭ كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشتە جانلاندۇرۇش سىياسىتى، ھۆكۈمەت بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىشقا تايىنىشتىكى بوشلۇق چوڭ ئەمەس، يەنىلا بازار مېخانىزمىغا تايىنىش كېرەك. ئەمەلىيەتتە، بازار مېخانىزمى ئىقتىسادىي مەشغۇلاتتا ئاپتوماتىك تەڭشەش رولىنى ئوينايدىغان بولۇپ، ئادەتتىكى ئىقتىسادىي داۋالغۇشنىلا تەڭشىيەلەيدۇ. ئەگەر ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىگە زىيادە تايىنىۋالساق، مېڭىۋاتقان يولىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز تەسكە توختاپلا قالماستىن، يەنە يېڭى زىددىيەت ۋە خەۋپلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن. بازار سۇبيېكتى ئىجتىمائىي بايلىقنىڭ ياراتقۇچىسى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ مەنبەسى. ھازىر ئەلئارا سېلىنمىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى يەنىلا زور. يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ جەمئىيەتنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىدىكى نىسبىتى %30 تىن %60 كە يەتتى، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ سېلىنمىسىمۇ يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە. ۋاھالەنكى، ‹‹ئەينەك ئىشىك››، ‹‹پۇرژىنا ئىشىك›› مەسىلىلىرى بولغاچقا، ئەلئارا سېلىنمىدا بار پۇلنى ئىشلىتىدىغان جاي بولماسلىق، كىرىشنى خالىسىمۇ كىرەلمەسلىك ئەھۋاللىرى يەنىلا مەۋجۇت. بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا بىر تەكشۈرۈش ماتېرىيالىنى كۆردۈم، كارخانىنىڭ بىر يېڭى تۈرنى بازارغا سېلىشى ئۈچۈن 27 تارماق، 50 نەچچە ھالقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشىگە توغرا كېلىدىكەن، ۋاقتى ئالتە ئايدىن ئون ئايغىچە سوزۇلۇپ كېتىدىكەن، بۇ كارخانىنىڭ مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلەش ئاكتىپلىقىغا ئېنىقلا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ دەرۋازىنى قەتئىي نىيەتكە كېلىپ تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىپ، تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە تېگىشلىك ھوقۇقنى جايىغا چۈشۈرۈپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادچانلىقىنى قوزغاش كېرەك. بۇ ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى چىقىم قىلماي تۇرۇپ ئىش بېجىرگىلى، ئاز چىقىم قىلىپ كۆپ ئىش بېجىرگىلى بولىدىغان ‹‹ئوبدان تەدبىر››.

  ھازىر، گوۋۇيۈەننىڭ تارماقلىرىدا يەنە نۇرغۇن مەمۇرىي تەستىق تۈرى بار. بەزى تەستىق تۈرلىرى قارىماققا بەكلا چۈشىنىكسىز، مەسىلەن، بەزى شەھەرلەرنىڭ رېلىسلىق قاتناش ئەسلىھەلىرىگە سېلىنىدىغان ئىجتىمائىي سېلىنمىنى تەكشۈرۈش، بەزى بېلىقچىلار كېمىلىرىنىڭ ئىسمىنى بېكىتىش قاتارلىقلار. بۇنداق كارخانا مەسئۇل بولۇپ چىقىرىشقا تېگىشلىك قارارنى گوۋۇيۈەن تارماقلىرى ئۈستىگە ئېلىۋالغاندا، ئىشنى تەستە بېجىرگەننىڭ ئۈستىگە تەرەققىياتنىڭ تەلىپىگە ماسلىشالمايلا قالماستىن، يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغىمۇ تەسىر يېتىدۇ. بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتا بازارلاشقان ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتى ۋە مەھسۇلات، بۇيۇملارنىڭ ئىجازىتى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىلىپ، سېلىنما تۈرلىرىنى تەستىقلاش، تەكشۈرۈش، ئەنگە ئېلىش دائىرىسى ئەڭ زور دەرىجىدە قىسقارتىلىپ، تۈرلۈك ئورگانلار ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى بېكىتىش ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىلىپ، مەمۇرىي ئىجازەت قانۇن – بەلگىلىمىلىرىگە ماس كەلمەيدىغان سالاھىيەت ئىجازەتنامىسى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئادەتتە يېڭى مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىنى تەسىس قىلمايدۇ، ئەگەر يېڭىدىن تەسىس قىلىش زۆرۈر بولسا، مەمۇرىي ئىجازەت قانۇنىغا قەتئىي رىئايە قىلىش، مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىنى بىر تەرەپتىن ئازايتىپ يەنە بىر تەرەپتىن كۆپەيتىش، ئاشكارا ئازايتىپ، يوشۇرۇن كۆپەيتىشتىن چوقۇم ساقلىنىش كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە