باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

قانۇنغا خىلاپ ساختا داۋالاش ۋە دورا ئېلانلىرىنى تۈرەش مەخسۇس ھەرىكىتى باشلاندى(1)

2013.05.10 13:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قانۇنغا خىلاپ ساختا داۋالاش ۋە دورا ئېلانلىرى جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزىدۇ، خەلق ئاممىسى بۇنىڭدىن قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ. بۇ ئاممىۋى خەتەرنى تۈگىتىش ئۈچۈن، 25-ئاپرېل سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىق سەككىز تارماق بىرلىكتە قانۇنغا خىلاپ ساختا داۋالاش ۋە دورا ئېلانلىرىنى تۈزەيدىغان ئۈچ ئايلىق مەخسۇس ھەرىكەتنى باشلىدى. يېرىم ئايدىن بۇيان، مەخسۇس ھەرىكەت پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە تەدرىجىي قانات يايدۇرۇلدى، قىسمەن تاراتقۇلار ئۆزلىرى تەكشۈرۈش، ئۆزلىرى تۈزىتىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىدىكى قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېنىقلىدى، لېكىن يەنە بىر قىسىم تاراتقۇلار شامالغا قارشى مېڭىپ تۈزەتمەي، قانۇنغا خىلاپ ساختا داۋالاش ۋە دورا ئېلانلىرىنى داۋاملىق بەردى. سەككىز تارماق بۇنىڭغا قارىتا، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق تاراتقۇلارنى نىشانلاپ، كېيىنكى قەدەمدىكى تۈزەش باسقۇچىدا تېخىمۇ قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى.

  نىڭشيا خۇامېي ھۆسن تۈزەش دوختۇرخانىسى، نىڭشيا تيەنلۈن ھامىلىدار بولماسلىق، تۇغماسلىقنى داۋالاش دوختۇرخانىسى قاتارلىق توردا ئېلان بېرىشتە نامۇۋاپىق سۆزلەرنى ئىشلەتكەن دەپ گۇمان قىلىنغان 12 داۋالاش ئورگىنى ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ ئېلان بەرگەن دەپ گۇمان قىلىنغان تۆت تاراتقۇ 7-ماي نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، 10-مايدىن بۇرۇن بۇ قىلمىشنى تۈزىتىشكە بۇيرۇلدى. قانۇنغا خىلاپ ساختا داۋالاش ۋە دورا ئېلانلىرىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى باشلانغاندىن كېيىن، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى باشلامچى ئىدارە سۈپىتىدە بۇ ھەرىكەتنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى، جايلاردىكى سودا-سانائەت تارماقلىرىمۇ ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، نازارەتنى كۈچەيتىپ، تۈزەشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى. شەندۇڭ ئېلان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسىنى چىقىرىپ، داۋالاش، دورا ئېلانلىرىنى 24 سائەت نازارەت قىلدى؛ خېيلۇڭجياڭ قانۇنغا خىلاپ ئېلانلارنى بەرگەن تۆت تاراتقۇغا ئىككى مىليون 250 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويدى ھەم مەسئۇللىرىنى چاقىرىپ ئاگاھلاندۇردى؛ خېبېي ئۆلكىسى داڭلىق كىشىلەرنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ، قانۇنغا خىلاپ ساختا داۋالاش ۋە دورا ئېلانلىرى بېرىشنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئوبيېكتى قىلدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە