«پەقەتلا ئىشەنگۈمىز كەلمەيدۇ، يەر تەۋرەش بىلەنلا شىنجاڭنىڭ قۇتقۇزۇش ئەترىتى يىتىپ كەلدى!»، 22-ئاپرېل، سىچۇەن لۇشەن ناھىيەسى تەيپىڭ بازىرى جوڭلىڭ كەنتىدىكى ئامما ھاياجانلانغان ھالدا: شىنجاڭ قىزىل كىرىست جەمئىيىتى كۆك ئاسمان قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۇپ شۇنداق دېيىشتى.
21-ئاپرېل، كۆك ئاسمان قۇتقۇزۇش ئەترىتى باش ئەترىتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، شىنجاڭ كۆك ئاسمان قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئىككىنچى تۈركۈمدە يەتتە ئادەمنى ئەۋەتىپ، لۇشەن ناھىيەسى تەيپىڭ بازىرى جوڭلىڭ كەنتىدە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ.