ئىسلام ئىنقىلابى ھەرىكىتى مەزگىلىدە، ئىنقىلابچىلار تېھراننىڭ جەنۇبىدىكى سائاداباد سارىيى ئالدىدا ئىران شاھىنىڭ ھەيكىلىنى ئىككى پارچە قىلىۋەتتى. ھازىر، بۇ جاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارىخ ئۆگىنىدىغان جايى بولۇپ قالدى. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا باشلامچىلىق قىلىپ، ئىنقىلابىي ئىزلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىدۇ ھەمدە سارايغا كىرىپ، سابىق شاھنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىش تارىخىنى ئۆگىنىدۇ.