2011-يىل 12-ئايدىن 2013-يىل 1-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، يېڭى زېلاندىيەدىكى ئاموس چاپپلې ئىسىملىك فوتوگراف ئۈچ قېتىم ئىرانغا بېرىپ، فوتو ئاپپاراتى بىلەن باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى ھەقىقىي ئىراننى خاتىرىلىگەن. چاپپلې مۇنداق دېدى: سىرتتا تەشۋىق قىلىنىۋاتقان ئىران ئوبرازى بىلەن ئۇ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئىران قەتئىي ئوخشىمايدىكەن. ئىران ھۆكۈمىتى غەرب ئەللىرىگە قارشى ئىدىيەنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن، ھەمىشە ھەر خىل تاراتقۇلار ئارقىلىق غەربنىڭ ناچار تەرەپلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، غەرپ ئەللىرى سۈرەتكە تارتقان ئىران خەلقىگە «مەقسەتلىك قارا سۈركىگەن» خەۋەر ئۈزىندىلىرىنى قويىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ئىران خەلقى ناھايىتى دوستانە ئىكەن. ئىراندا ساياھەت قىلىش جەريانىدا، چاپپلې باشقا ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىگە ئوخشىمايدىغانلا قىزغىن كۈتۈنۈشكە ئېرىشكەن. ئىراندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر ئەسكىرى مۇنداق دېدى: «بەلكىم ئوتتۇرا شەرق رايونىدا، ئامېرىكىلىقلار دۈشمەنلەر بىلەن دوستلىرىنى ئالماشتۇرۇپ قويغان بولۇشى مۇمكىن. ‹چاپپلې ئىراندا ساياھەتتە بولۇش جەريانىدا تارتىۋالغان بۇ سۈرەتلەر ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ نەزىرىدىكى ھەقىقىي ئىراننى نامايان قىلىپ بەرگەن›».
پالانگان كەنتى ئىران چېگرىسىدىكى تىك چوققىلار ئارىسىغا جايلاشقان، تىپىك ئىران كەنتى بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم مەبلىغىغە تايىنىدۇ. نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرى يېقىن ئەتراپتىكى بېلىقچىلىق مەيدانىدا خىزمەت قىلىدۇ، بەزىلەر باسىجتا خىزمەت قىلىدۇ. بۇ يەردىكى پۇقرالار غا «غەربنىڭ زەھەرلەشتۈرۈش» ىگە قارشى تەربىيە سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، 1979-يىل ئىسلام ئىنقىلابى دەۋرىدە ساقلاپ قېلىنغان دەۋر روھىنى ساقلاپ كەلگەن، مەسىلەن: ئاياللارنىڭ كىيىم كېچەكلىرىگە قاتتىق تەلەپ قويۇلۇدىغان بولۇپ، ئەر ئاياللار بېرىش كېلىش قىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ.