17-مارتتىن 25-مارتقىقچە، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئاننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، تۈركىيە دۆلەتلىك رادىئو ـ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى جۇڭگو شىنجاڭ ناخشا ـ ئۇسسۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى 37 كىشىنى تۈركىيەگە بېرىپ بىر ھەپتىلىك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان ئىدى. بۇ قېتىملىق پائالىيەت، شىنجاڭ بىلەن تۈركىيەنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈركىيە خەلقىنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشىنى بېيىتتى.