باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھىندىستاندىكى كالا سۈيدۈكى ئىچىملىكى (1)

ھىندىستاندا كالىنىڭ ھەممىلا نېمىسى گۆھەر

2013.03.26 09:49        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

كالا سۈيدۈكى ئېلىۋاتقان ئىشچىلار
  دۇنيادىكى كالىلار ئەڭ ئىنتىلىدىغان دۆلەت ئېھتىمال ھىندىستاندۇر، ھىندىستانلىقلار كالىنى ئىلاھنىڭ ئەلچىسى دەپ قارايدۇ. ھىندىلار كالىنى ھېسسىيات جەھەتتىلا ھۆرمەتلەپ قالماي، تۇرمۇشىمۇ كالىدىن ئايرىلالمايدۇ.

  ھىندىستان دېھقانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۆيىدە كالا باقىدۇ، ئۇلار كالىغا خۇددى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى كالىنى يۇيۇپ تاراش، ئاندىن كالىغا ئېسىل ناشتىلىق تەييارلاش. شۇنىڭدىن كېيىنلا، بىر ئائىلە كىشىلىرى ناشتا قىلىدۇ. ھىندىلارنىڭ قارىشىچە، ناشتىدىن بۇرۇن كالىنى ئوبدان تويغۇزسا بىر ئائىلە كىشىلىرىگە بەخت-تەلەي ئېلىپ كېلەرمىش.

  كالا سۈتى ھىندىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئوزۇقلۇق مەنبەلىرىنىڭ بىرى، ھىندىلار كالا سۈتىنى خۇددى ئانا سۈتىدەك مۇھىم بىلىدۇ، ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ بىر كالا سۈتى شىركىتىنىڭ ئىسمىمۇ ‹‹ئانا سۈتى مەھسۇلاتلىرى شىركىتى››.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە