شۇ يەر ۋاقتى 2003-يىلى 10-ئاپرېل، باغداتتىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى بالىلارنىڭ دادىسى، ئون نەچچە ياشلىق ئوغلى ۋە يەنە بىر ئەر تۇغقىنىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلاپ ھازى قىلىشماقتا. ئىگىلىنىشچە، بۇ ئۈچ ئادەم ماشىنا بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىگىلىۋالغان رايوندىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ماشىنىنى توختاتمىغانلىقى سەۋەبلىك ئېتىپ تاشلانغان. بۇ ئائىلە كىشىلىرى تۇغقانلىرىنىڭ جەسىتى ئۆيىگە ئېلىپ كىلىنگەندە بۇ كىلىشمەسلىكتىن خەۋەردار بولۇشقان.