ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېلىجان ئىسمائىل خەۋىرى ، فوتوسى : ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت پۇختا تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق كېرىيە ناھىيەسىنىڭ 2013-يىللىق نورۇز مەشرىپىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى .
ئىگىلىنىشىچە ، ‹‹كېرىيە نورۇز مەشرىپى ›› 21-مارت كېرىيە ناھىيەسىنىڭ لەڭگەر يېزا ئۈژمىلىك ئارقا كەنتىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن .