باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئىراقتا ئۇرۇشنىڭ ئاسارىتى تېخى تۈگىمىدى(3)

2013.03.21 08:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراق ئۇرۇشى پارتلىغان ئون يىلدىن بۇيان، ئىراقتىكى دىنىي مەزھەپلەرنىڭ پارچىلىنىش ئەھۋالىمۇ بارغانسېرى ئېغىر بولدى. سادام دەۋرىدە ئىراقتا ھاكىمىيەت تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلار نوپۇسنىڭ ئاز قىسمىنى ئىگىلەيدىغان سۈنئىي مەزھىپىدىكىلەر ئىدى. سادام ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، شىئەلەر بۇنىڭ ئورنىنى ئالدى. لېكىن ئىككى مەزھەپ ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، تالاش تارتىش ئۈزۈلمىدى، ئامېرىكىنىڭ ئاقىللار ئامبىرى سترارفور بۇ يىل 17-مارت ئېلان قىلغان دوكلاتتا: ئىراق سادام دەۋرىدىنمۇ بەكرەك ئېغىر مالىمانچىلققا پېتىپ قالدى دېيىلدى.

  سىياسىي ۋەزىيەتتىكى قالايمىقانچىلىق ئىراقنىڭ ئىقتىسادىنىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. سىياسىيدىكى بۆلۈنۈش، ئۈنۈم تۆۋەن بولۇش، خىيانەتچىلىك، چېرىكلىك ۋە مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ناچارلىشىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن دۆلەتنى قايتا قۇرۇش مۇساپىسى ئويلىغاندەك بولمىدى. ئىراقنىڭ ئىقتىسادى، بىخەتەرلىكى قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلىرىنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ.

  ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، ئىراق ئۇرۇشىغا ئامېرىكا بىر تىرىليون 700 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى چىقىم قىلغان، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ پاراۋانلىقى ۋە چىقىمى 490 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، بۇندىن كېيىنكى 40 يىلدا ئىراق ئۇرۇشىغا سەرپ قىلىنىدىغان چىقىم 6 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن.

  ئامېرىكا مۇشۇنداق غايەت زور بەدەل تۆلىگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئەيىبلەندى. نۇرغۇن كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ شۇ چاغدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن چەتنەپ ئۆتۈپ ئۇرۇش قىلغانلىقىدىن گۇمانلاندى. ئامېرىكىنىڭ ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغاشتىكى سەۋەبى بولغان « ئىراق كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارغا ئىگە» دېگەنلەر پۇت تېرەپ تۇرالمىدى.

  يەنە بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكىنىڭ ئىراققا ئەسكەر چىقىرىشىدىكى يەنە بىر مەقسىتى ئىراقنى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىتتىپاقدىشىغا ئايلاندۇرۇش ئىدى. ھالبۇكى ئامېرىكا يۇقىرى بەدەل تۆلىگەن بىلەن ئويلىغاندەك ئۈنۈمگە يېتەلمىگەندەك قىلىدۇ. ئامېرىكا ئارمىيىسى 2011-يىلىنىڭ ئاخىرى ئىراقتىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئىراققا بېسىم ئىشلىتەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. بىر قاتار زور رايون مەسىلىسىدە ئىراق ئامېرىكىنىڭ رايىغا باقمىدى.

  ئىراقلىق مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكىنىڭ ئىراق سادام ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇۋېتىشتىكى ئەڭ چوڭ ئاقىۋەت شۇ بولدىكى ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ سىياسىي تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەر قايسى دىنى مەزھەپلەرنى رايون يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى تالىشىش پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويدى، ئىراقتا توقۇنۇش ۋە زوراۋانلىقنى ئېغىرلىتىۋەتتى، رادىكال تەشكىلاتلارمۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاپ، پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرقنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ ئېغىرلىتىۋەتتى.

  ئامېرىكا جامائەتچىلىكىمۇ ئىراق ئۇرۇشىنى ئىنكار قىلىپ باھا بەردى. ئامېرىكا دىپلوماتىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رىچارد خاس مۇنداق دېدى: شۇنچە كۆپ ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھاياتى ۋە مال مۈلۈكى قىلچە ئەھمىيەتسىز ئۇرۇشتا ۋەيران بولدى، بۇ سابىق پىرېزىدېنت بوشنىڭ خاتا تاللىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان خاتا يەكۈندىن بولدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە