باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئىراقتا ئۇرۇشنىڭ ئاسارىتى تېخى تۈگىمىدى(2)

2013.03.21 08:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراق ئۇرۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، ئىراقتا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى كۈندە دېگۈدەك كۆرۈلدى، «بىخەتەرلىك» بىلەن «ساغلاملىق» ئىراقلىقلار ئۈچۈن ھەشەم بۇيۇمى بولۇپ قالدى. دەككە دۈككىدە ئۆتمەسلىك ئۈچۈن، نۇرغۇن ئىراقلىقلار قېچىپ كېتىشنى تاللىدى. ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، تەخمىنەن ئىككى مىليون ئىراقلىق چەتئەللەرگە قېچىپ كەتكەن.ئىراق ئۇرۇشنى قوزغىغان ئامېرىكىمۇ ئوخشاشلا ئىنتايىن ئېغىر بەدەل تۆلىدى، 4400دىن ئارتۇق ئامېرىكا ئەسكىرىنى قۇربان قىلدى، 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. ئۇرۇشقا قاتناشقان ئەنگلىيە بۇ ئۇرۇشتا 179 ئادىمىدىن ئايرىلدى.ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئاسارەتنىڭ ساقايمىقى تەس، ئون يىللىق قارا بېسىش تۈگىمىدى.ئىراق ئۇرۇشى 2011-يىلى ئاياغلاشتى، لېكىن بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان ئىراقلىقلارنىڭ يەنە تېخىمۇ زور بەدەل بېرىشىگە توغرا كېلىۋاتىدۇ.تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ئىراقتا بۈگۈنگىچە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى يەنىلا كۆپ بولۇپ، ھەر يىلى تەخمىنەن تۆت مىڭدىن بەش مىڭغىچە پۇقرا قازا قىلىدىكەن. بۇ يىل مارتنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا 170 ئىراقلىق زوراۋانلىق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان. بۇ سان ھەر كۈنى ئىراقلىقلارنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىراقتىكى بالىلارنىڭ غەيرى تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ كۆپىيىشىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. 2012-يىلى ئامېرىكىنىڭ بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىراقتىكى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان فالۇجاھ بازىرىدا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، چوڭ مېڭىسىدە توسالغۇ پەيدا بولغان، پۇت قولى غەيرى يېتىلىپ قالغان بالىلار كۆپىيىپ كەتكەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بۇ رايوندا ئىشلەتكەن قوراللىرىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن.

  ئىراق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئاق فوسفور گراناتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوراللار بىلەن فالۇجاھقا ھۇجۇم قىلغان. تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ئۆتكەن ئون يىلدا فالۇجاھ ھەمدە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىكى غەيرى يېتىلىپ قالغان بالىلار 60 پىرسەنت كۆپەيگەن، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ئارمىيىلىرىنىڭ شۇ يەردىكى ئاياللارنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ غەيرى يېتىلىپ قېلىشىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىدە مەسئۇلىيىتى بار.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە