باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلام ئىككى يىغىنغا سۇنغان تەكلىپلىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى

2013.03.14 19:28        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلام خەلق تورى مۇخبىرى بىلەن بىللە
  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كومپىيۇتېر مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئاسپىرانت يېتەكچىسى، ئۇيغۇر مىللىتىدىن چىققان تۇنجى ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلام تۈنۈگۈن كەچ تورىمىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

  بۇ ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىمنىڭ تۇنجى قېتىم خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلىنىشى، ئۇ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا ئېلىپ كەلگەن تەكلىپلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي توختىلىپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز قاتناش تورىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇش، ئېچىشتەك ئاساسىي قۇرۇلۇش لىنيەلىرىنى چىڭ تۇتۇشنى كۆپرەك تەكىتلەۋاتىدۇ. بۇ قۇرۇلۇشلار دەرۋەقە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسى ۋە تۈۋرۈكى. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ساھەلەردىكى تەرەققىياتنى يەنىمۇ تېز راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇچۇرلاشتۇرۇش بىلەن سانائەتلەشتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلەۋاتىدۇ. ئاساسىي يول قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ ئۇچۇر قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش لازىم. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى تەرەققىياتىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈش، بولۇپمۇ خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئۇچۇر تور قۇرۇلۇشى مۇھىم رول ئوينايدۇ. دۆلىتمىز ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، ياۋروپاغا يۈزلىنىشتىن ئىبارەت چوڭ بىر ئىستىراتىگىيەلىك يۈزلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ يۈزلىنىشتە شىنجاڭنىڭ ياۋروپا-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقانلىقىدەك جۇغراپىيەلىك ئورۇن ئەۋزەللىكى ۋە ئەتراپتىكى سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرىداش بولغانلىقى ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەر بىلەن شىنجاڭنىڭ تىل ـ يىزىق، ئۆرپ ـ ئادەت، مەدەنىيەت جەھەتتە ئورتاقلىققا ئىگە بولۇشى تۈپەيلىدىن، مەن بۇلارنى كۆزدە تۇتۇپ «غەربكە يۈزلەنگەن ئۇچۇر يوللىرىنى ئېچىش قۇرۇلۇشى» تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.

  غەربكە يۈزلەنگەن ئۇچۇر يوللىرىنى ئېچىش قورۇلۇشى: تور لىنيەسى، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، پوچتا ـ تېلېگراف لىنىيەلىرىنى شىنجاڭ ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەندۈرۈش، بۇ ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ شۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان تاشقى سودا، ئىقتىساد، پەن ـ مائارىپ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش.

  ئاپتونوم رايونىمىز ۋە سانائەت ئۇچۇر مىنىستىرلىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ساھەسىدىكى پۈتۈن بايلىقلىرىنى شىنجاڭ ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ قۇرۇلۇش لايىھەسىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئوتتۇرىغا قويدى. غەربكە يۈزلەنگەن ئۇچۇر يوللىرىنى ئېچىش چوڭ قۇرۇلۇشىنى يىغىندا يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدىم. ئەگەر بۇ قۇرۇلۇش يولغا قويۇلسا ئۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ ئەھمىيىتى بولىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر