باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەدەنىيەت

خەلقىمىزنىڭ بوۋاقلارنى ئالتۇن سۈيىدە يۇيۇش ئادىتى(1)

قۇربان ئوبۇل

2013.03.12 08:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئادەم بۇ دۇنياغا پەقەت بوۋاقلىق ھالىتىدە كۆز ئاچىدۇ. بوۋاق ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ھەر خىل تەبىئەت ھادىسىلىرى ۋە كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىللار بىلەن ئۇچرىشىش، كۈرەش قىلىش تارىخىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ساق-سالامەت تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن نورمال تەرەققىي قىلالىشى ياكى بىرەر ئەزاسىدا مەلۇم كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشى كۆپ ھاللاردا بوۋاقلىق دەۋرىدىكى بېقىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ھەر قانداق بىر بوۋاقنىڭ ئەقىل ۋە جىسمانىي جەھەتتە نورمال چوڭ بولۇپ، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇشى شۇ بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈمىد-ئارزۇسى، خۇشاللىقى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىر مىللەتنىڭ بەدەن سۈپىتى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش ھېسابلىنىدۇ. ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ بوۋاقلارنى، كەلگۈسى ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشتە ئۆزىگە خاس ئۇسۇللىرى بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلارمۇ بالىلارنى ساغلام چوڭ قىلىش، بەدەن سۈپىتى، مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، مۇئەييەن ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولغان ئۆرپ-ئادەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن. بوۋاقلارنى ئالتۇن سۈيىدە يۇيۇش ئادىتى دەل خەلقىمىز بالىلارنى ساغلام بېقىپ ئۆلتۈرۈشتە يەكۈنلەپ چىققان ھەمدە بۇرۇنقى زامانلاردىن تارتىپ كەڭ دائىرىدە قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئادەتلەردىن بىرىدۇر. بوۋاقلارنى ئالتۇن سۈيىدە يۇيۇش ئادىتى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ۋە ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بولۇپ، بۇ خىل ئادەت بوۋاقلارنى ساغلام پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

ئالاقىدار خەۋەرلەر