باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ۋەكىللەر، ئەزالار ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دوكلاتىغا قاراپ چىقتى(2)

2013.03.11 16:24        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋەكىللەر ۋە ئەزالار مۇنداق دەپ قارىدى: بەش يىلدىن بۇيان ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداپ، جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلىمىي تەرەققىي قىلىش، ئەدلىيەنى دېموكراتىك يۈرگۈزۈش تېمىسىنى نامايان قىلدى.

  ھەر يىل ئاخىرى كەلگەندە، بەزى دېھقان ئىشلەمچىلەر مائاشىنى ئالالمايدۇ، ئۇلارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈشى تەسكە چۈشىدۇ. ھەر يىلى بۇ ۋاقىتتا، جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى مائاشنى ۋاقتىدا بەرمىگەن دېلولارغا يېشىل يول ئېچىپ بېرىپ، تېز سوتلاپ، تېز بىر تەرەپ قىلدى. ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى يەنە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، تەييارلىق فوندى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، مائاشنى ئالدىن بېرىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى يۇرتىغا قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  ۋەكىللەر ۋە ئەزالار مۇنداق دەپ قارىدى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دوكلاتىدا نەتىجىلەر ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدىنىلگەن ھالدا يەكۈنلىنىپتۇ، خىزمەت تەدبىرلىرى ھەقىقىي كۈچلۈك بولۇپتۇ، بۇندىن كېيىن قوشۇن قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يېڭى سەۋىيەگە يۈكسەلدۈرۈشى كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە