- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن خەۋەرلىرى ئالاھىدە ژۇرنىلى ئالقىشقا ئېرىشتى(1)
2013.03.06 16:12
4-مارت ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ۋە رەتلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى . شىنجاڭدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى شۇ كۈنى تەڭرىتاغ تورى باشچىلىق قىلغان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن خەۋەرلىرى ئالاھىدە ژۇرنىلىنى تاپشۇرۇپ ئالدى ، تۇنجى سان ژۇرنالدا ئۆز سۈرىتىنى كۆرگەن ۋەكىل مۇختەبەر سادىق ئىنتايىن ھاياجانلاندى ، ئۇ مۇنداق دېدى : ‹‹ تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولدۇم ، بۇ ئالاھىدە ژۇرنال ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا بىر قىممەتلىك سوۋغا ، مەن چوقۇم ياخشى ساقلايمەن ›› .
ئالاھىدە ژۇرنالغا مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ مۇھىم خەۋەرلىرى ، خىزمەت ئۇچۇرى ، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەھۋالى ، ئۆزگىچە مەخسۇس سەھىپە ، ۋەكىللەر زىيارىتى ، نادىر پەيت قاتارلىقلار مۇجەسسەملىنىپ ، ئالاھىدە ژۇرنال قىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ ، ھەر كۈنى بىر سان چىقىرىلىپ ، شىنجاڭلىق ۋەكىللەرگە ھەقسىز تارقىتىپ بېرىلىدۇ .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە