3-مارت سەھەردە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرىقىپ تۆمۈرنىياز دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ بېيجىڭ شۈنيى رايونى ياڭجېن بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتىپىگە كېلىپ بۇ يەردە تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى يوقلىدى ھەمدە ئۇلارغا يۇرتىدىن ئېلىپ كەلگەن قۇرۇق ئۈزۈمنى بەردى.خوتەن، قەشقەر، تۇرپان، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار خۇشال ھالدا ئۇنىڭ ئەتراپىنى چۆرىدەپ ئۇنىڭ تەلىمىگە قۇلاق سالدى. (ئاسىيا كىندىكى تورى مۇخبىرى سوڭ جۈن فوتوسى)