- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
كامېرۇندا ئىككى ئايدا 500 پىل ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلدى (3)
2013.02.27 15:50
ئۆتكەن ئىككى ئاي ئىچىدە ، سۇدان ۋە چادتىكى ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلىغۇچىلار كامېرۇننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى Bouba Ndjidda دۆلەت باغچىسىدا تەپتارتماي 500 باشقا يېقىن پىلنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈردى .
بوۋبا ندجىددا دۆلەت باغچىسى ئوتتۇرا ئافرىقا دۆلىتى كامېرۇننىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ ، چاد بىلەن قوشنا، پىللار كامېرۇن تەرەپتىكى دۆلەت باغچىسى چېگرىسىدىن ‹‹ بىمالال چىقىپ ›› چادقا بارالايدۇ . فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرى 23-فېۋرال باغچىدا زىيارەتتە بولغاندا ئۈچ يەردە جەمئىي 12 باش پىلنىڭ جەسىتىنى كۆرگەن . بۇ ئۆلۈك پىللارنىڭ تېنىدە روشەن ئوق ئىزى بار بولۇپ ، چىشى كېسىپ كېتىلگەن .
بىر باغچا قارىغۇچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، باغچىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 220 مىڭ گېكتار بولۇپ ، بۇ قېتىم ئۆلتۈرۈلگەن پىللار بەلكىم 500 باشلا بولماسلىقى مۇمكىن ئىكەن، ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلىغۇچىلار سۇدان ياكى چادتىن كەلگەن بولۇپ، ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى ئىشلەتكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە