باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

كامېرۇندا ئىككى ئايدا 500 پىل ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلدى (2)

2013.02.27 15:50        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆتكەن ئىككى ئاي ئىچىدە ، سۇدان ۋە چادتىكى ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلىغۇچىلار كامېرۇننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى Bouba Ndjidda دۆلەت باغچىسىدا تەپتارتماي 500 باشقا يېقىن پىلنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈردى .

  بوۋبا ندجىددا دۆلەت باغچىسى ئوتتۇرا ئافرىقا دۆلىتى كامېرۇننىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ ، چاد بىلەن قوشنا، پىللار كامېرۇن تەرەپتىكى دۆلەت باغچىسى چېگرىسىدىن ‹‹ بىمالال چىقىپ ›› چادقا بارالايدۇ . فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرى 23-فېۋرال باغچىدا زىيارەتتە بولغاندا ئۈچ يەردە جەمئىي 12 باش پىلنىڭ جەسىتىنى كۆرگەن . بۇ ئۆلۈك پىللارنىڭ تېنىدە روشەن ئوق ئىزى بار بولۇپ ، چىشى كېسىپ كېتىلگەن .

  بىر باغچا قارىغۇچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، باغچىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 220 مىڭ گېكتار بولۇپ ، بۇ قېتىم ئۆلتۈرۈلگەن پىللار بەلكىم 500 باشلا بولماسلىقى مۇمكىن ئىكەن ، ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلىغۇچىلار سۇدان ياكى چادتىن كەلگەن بولۇپ ، ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى ئىشلەتكەن .
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە