باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

-يىلى شىنجاڭدا 25 خىل، 100 تۈرلۈك نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ (2)

2013.02.07 16:23        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

يىغىن نەق مەيدانى
  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي ‹‹2013-يىللىق نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى ›› دىن دوكلات بەردى . بۇ يىل ئەمىن ئولتۇراقلاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش ، مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ، تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ، ئىجتىمائىي كاپالەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، يېزا يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ ، خەلقنى بېيىتىش ، قىيىنچىلىقى بار بىمارلارنىڭ داۋالىنىشىغا ياردەم بېرىش ، مائارىپ كاپالىتى ، بازاردىكى مال باھاسىنى كونترول قىلىش قاتارلىق 25 خىل ، 100 تۈرلۈك قۇرۇلۇشقا مەركەز ئورۇنلاشتۇرغان مەبلەغ دەسلەپكى قەدەمدە 43 مىليارد 900 مىليون يۈەن ، ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيەسىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان مەبلەغ 18 مىليارد 100 مىليون يۈەن قىلىپ بېكىتىلدى .

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى : پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغىنى خەلق تۇرمۇشى خىزمىتى . شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، خەلق تۇرمۇشى خىزمىتى سىياسىي مەسىلە ، ‹‹ئىككىدە سىجىل تەرەققىي قىلىش ›› ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ ئېھتىياجى ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئېھتىياجى ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى مۇھىم نۇقتا ، شۇنداقلا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئارزۇسى . بىز چوقۇم پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ھەقىقىي تۇتۇپ ، ئەمەلىي ئىشلەپ ، ھەقىقىي ئۈنۈمىنى كۆرۈشىمىز كېرەك .

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى ، ئەركىن ئىمىرباقى ، نۇرلان ئابىلمەجىن ، خەن يۇڭ ، شاۋكەت ئىمىن ، سۇڭ ئەيرۇڭ ، جۇ خەيلۈن ، بەي جىجيې ، كۈرەش مەخسۇت ، ئەركىنجان تۇراخۇن ، خۇ ۋېي ، شيۇڭ شۈەنگو ، غانىبات سابىقەي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى .
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە