لوئاۋپۇكۇند بىر مۇزلۇق كۆلى بولۇپ، ھىندىستاننىڭ دېڭىز يۈزىدىن 5029 مېتىر ئېگىزلىكتىكى Uttaranchal ئۆلكىسىگە جايلاشقان. ھەر قېتىم مۇزلۇق ئېرىگەندە، سۇ ئاستى ياكى سۇ يۈزىدە نەچچە يۈزلىگەن ئادەم ئىسكىلىتىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ كۆل 1942-يىلى يەرلىكتىكى تەبىئىي قوغداش رايونىنىڭ ئورمان قوغداش خادىمى تەرىپىدىن بايقالغان. ئېيتىلىشىچە، بەزى ئىسكىلىتلار 19-ئەسىردىن باشلاپلا ئىزچىل مۇشۇ يەردە يېتىقلىق ئىكەن.
ئەڭ دەسلەپتە، بەزى پەرەزلەردە بۇ تاشلاندۇق ئىسكىلىتلار مۇشۇ رايونغا سىڭىپ كىرگەن ياپونىيە ئەسكەرلىرىنىڭ دەپ قارالغان، چۈنكى يەرلىك مۇھىت ئۇلارنى ‹‹قارشى ئالمىغان›› لىقتىن، ئۇلار شۇ يەردە قۇربان بولغان ئىكەن. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، ‹‹ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى›› مەزگىلىدە ئەنگىلىيەمۇ بۇ جايغا بىر تارماق ئەترەتنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە ئەۋەتىپ، ئاشۇ ياپونلۇقلارنىڭ دۈشمەننىڭ مەلۇم مەخپىي لەخمىسىنى بايقىغان-بايقىمىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولغان. ھالبۇكى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئىسكىلىتلارنىڭ ئۇ ياپونلۇق ئەسكەرلەرنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەسلىكى بايقالغان.