- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئۈرۈمچىدە بايلىق كۇلۇبى قۇرۇلدى (2)
2013.02.05 08:36
يىغىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى ، ئاپتونوم رايونلۇق ياشانغانلار ساقلىقنى ساقلاش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ، بايلىق كۇلۇبىنىڭ پەخرىي كۇلۇب باشلىقى ئارىپ مۇھەممەتنىياز سۆز قىلدى ، شۇنداقلا بايلىق كۇلۇبىغا قاتناشقان بارلىق كارخانىچى ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ يېڭى قۇرۇلغان بۇ كۇلۇبتىن ئومۇميۈزلۈك پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي ساپاسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، ئۆز كارخانىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
ئۈرۈمچى ئەلساپا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى قەيسەرجان تاھىر كۇلۇبنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: بىزنىڭ بۇ كۇلۇبنى ئېچىشتىكى ئاساسلىق مەقسىتىمىز كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان كارخانىچىلىرىمىز ياكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن ياخشى بولغان مۇلازىمەت سۇپىسى ھازىرلاپ ، كارخانىچىلارنى قەرەللىك ھالدا يۈز كۆرۈشتۈرۈپ ، ئۆز ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرىدىغان ، كارخانىچىلارنى ئۇنىۋېرسال تەبىيەلەيدىغان ، كارخانىچىلار ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىغان ئۆز ئارا ئۆگىنىش ، ھەمكارلىشىش سورۇنى بەرپا قىلىپ ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىچىلىرىمىز ۋە ياكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە قولايلىق يارىتىشتىن ئىبارەت .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە