باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا مۇۋەپپىقىيەتلىك كىرىشىنىڭ ئەھمىيىتى زادى قەيەردە؟(1)

2012.12.05 10:27        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  67-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 29-نويابىر 138 ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى، توققۇز ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى، 41 ئاۋازنىڭ ۋاز كېچىشى بىلەن قارار ماقۇللاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەلەستىنگە كۆزەتكۈچى دۆلەتلىك ئورنىنى بېرىشنى قارار قىلدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەلەستىننىڭ كۆزەتكۈچى دۆلەتلىككە قوبۇل قىلىشى پەلەستىننىڭ دۆلەتلىك ئورنىنى ۋاستىلىق ئېتىراپ قىلغانغا باراۋەر، پەلەستىن خەلقئارانىڭ تېخىمۇ كۆپ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاراشلىق ئاپپاراتلار كىرىشىگە يول ھازىرلىنىدۇ. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەلەستىننىڭ كۆزەتكۈچى دۆلەت بولۇشىنىڭ سىمۋوللۇق ئەھمىيىتى ئەمەلىي ئەھمىيىتىدىن چوڭ، بۇ تەدبىر پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھازىرقى ھالەتكە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، پەلەستىن ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۆسۈش بولۇش تەس.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 29-نويابىر «پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئورنى» توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويدى. جۇڭگو، تۈركىيە، مىسىر، بىرازىلىيە قاتارلىق 70 دۆلەتكە يېقىن دۆلەت بۇ قارار لايىھەسىنى ئورتاق سۇنغان دۆلەت بولدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا شۈ كۈنى 188دىن ئارتۇق ئەزا دۆلەت ئاۋاز بەردى، فىرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەر قوللاپ ئاۋاز بەردى، گېرمانىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى، ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە، كانادا قارشى ئاۋاز بەردى.

  پەلەستىن 1974-يىلى 11-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچى گەۋدىسىگە ئايلانغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن پەلەستىن ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى پەلەستىننىڭ كۆزەتكۈچى گەۋدىلىك ئورنىنى ئەزا دۆلەتلىك ئورنىغا كۆتۈرۈشنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغانىدى، ئەمما مۇۋەپپىقىيەتلىك بولمىدى.

  2011-يىلى 9-ئايدا پەلەستىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئىلتىماس سۇنۇپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولۇش ئۈستىدە ئىزدەندى، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى. بۇ يىل 9-ئايدا پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس يېڭى بىر نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرسىگە قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: پەلەستىن ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچى دۆلىتى بولۇش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ئەزا دۆلىتى بولۇشتا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تەستىقلىشىغا توغرا كېلىدۇ، ئەمما كۆزەتكۈچى دۆلەت بولۇشتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا 193 ئەزا دۆلەتنىڭ كۆپىنچىسى قوللىسىلا بولىدۇ.

  پەلەستىن 1988-يىلى دۆلەت قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 132 ئەزا دۆلىتى ئېتىراپ قىلدى، شۇڭا ئوڭۇشلۇق ھالدا ئاۋازغا ئېرىشىپ كۆزەتكۈچى دۆلەت بولدى، بۇ خىلى بۇرۇنلا ئويلىغاندەك ئىدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە