باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ‹‹پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى تارقاتتى (4)

2012.11.29 15:49        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۆتىنچى، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىنلىقىنى تېزدىن قوزغاش كېرەك

  پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىنلىقىنى تېزدىن قوزغاپ، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.

  1. پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلىشى ئۈچۈن ئۇنى ئومۇميۈزلۈك توغرا، چوڭقۇر، سىستېمىلىق تەشۋىق قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات تارماقلىرى پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، توغرا يېتەكلەپ، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش كەيپىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. مەركەز پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى تەشىكىللەپ، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە بېرىپ لېكسىيە سۆزلەشكە ئەۋەتىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزمۇ لىېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى تەشكىللەپ، جايلاردا پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىشقا ئەۋەتىدۇ، جايلارمۇ بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى كېرەك. پىلاننى كۆڭۈل قويۇپ تۈزۈپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەشۋىقات لايىھەسىنى ياخشى تۈزۈپ، تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، گېزىت– ژۇرنال، رادىيو–تېلېۋىزىيە، ئالاقە تورى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئارتۇقچىلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەخسۇس ئىستون ئېچىپ، مەخسۇس تېما بېكىتىپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق باش ماقالە، ئوبزورلارنى ئېلان قىلىپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق ماقالىلەرنى يېزىپ چىقىپ، تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئاساسىي قاتلامغا، مەھەللىلەرگە يۈزلىنىشتە، ‹‹ئۈچكە يېقىنلىشىش››تا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، ئىستىلنى ئۆزگەرتىش، يېزىقچىلىق ئۇسلۇبىنى ياخشىلاش››پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك، ئەمەلىي، قاراتمىلىققا ئىگە تەشۋىقات، تەربىيە شەكلىنى قوللىنىپ، تەسىرلىك، جانلىق، مەزمۇنى مول، ئۈنۈملۈك شەكىللەر بىلەن ئاممىنى پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە يېتەكلىشى كېرەك. 18–قۇرۇلتاي روھىنىڭ نەزەرىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، 18–قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر يۈرۈش يېڭى تەسەۋۋۇر، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى چۆرىدەپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش جەريانىدا كادىرلار، ئامما ئوتتۇرىغا قويغان قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، مەزمۇنلۇق، سالمىقى زور بىر تۈركۈم تەتقىقات نەتىجىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك.

  2. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش پائالىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى باشلامچىلىق بىلەن پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، كوللېكتىپ ئۆگىنىشنى شەخسىلەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مەركەزلەشتۈرۈپ مۇھاكىمە قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا بولغان چۈشەنچىسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە تەلىپى بويىچە ئۆگىنىش پىلانىنى كۆڭۈل قويۇپ سىستېمىلىق تۈزۈپ، ھۆججەتلەرنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىپ، دوكلات ۋە پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگىنىپ، ئاساسىي قاراشنى ئىگىلەپ، روھىي ماھىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ھاكىم دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆگىنىشى، تەربىيەلىنىشىنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتىپى، مەمۇرىي ئىنستىتۇتلارنىڭ ئاساسىي بازا، ئاساسىي يوللۇق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھاكىم دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى بىر مەزگىل مۇددەت ۋە تۈركۈمگە بۆلۈپ مەركەزلەشتۈرۈپ نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەپ، ئىدىيەنى پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلار ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش جەريانىدىكى باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىر دەرىجە يەنە بىر دەرىجىنى يېتەكلەش، بىر دەرىجە يەنە بىر دەرىجىنى تۇتۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. كارخانا، يېزا، ئورگان، مەكتەپ، قىسىم ۋە مەھەللە قاتارلىق ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى شەكلى كۆپ خىل، تەسىرلىك، جانلىق ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى كېرەك. پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىققانلار، يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلات، يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلات، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار ۋە كۆچمە ئاھالىلەر ئىچىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىشىنى تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھەرقايسى قاتلام، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ئۆگىنىش، تەشۋىقات ئارقىلىق، ئۆگىنىش ۋە تەربىيەلەشنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كادىرلار، ئامما ئارىسىغىچە كېڭەيتىپ، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىلەرگە بىلدۈرۈش ۋە ئۇنى ھەممە كىشىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالدۇرۇش كېرەك.

  3.پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشقا بولغان رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى، شەكىلۋازلىقنى چەكلىشى؛ ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، تىپلارنى بايقاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كېڭەيتىشكە بولىدىغان تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، تەشۋىقات تارماقلىرى ۋە باشقا ئورگان–تارماقلار پارتكومنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە زىچ ھەمكارلىشىپ، پارتىيە 18– قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىشى؛ تەشكىلات تارماقلىرى پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى كادىرلارنىڭ تەلىم–تەربىيە خىزمىتى، رەھبەرلىك بەنزە قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش ۋە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىشى؛ تەشۋىقات تارماقلىرى ئاخبارات تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، تەشۋىقات–لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، مول، رەڭدار ئاممىۋى تەشۋىقات – تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن كۈچلۈك ئىدىيەۋى جامائەت پىكرى مەدىتىنى قولغا كەلتۈرۈشى؛ مائارىپ تارماقلىرى پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى دەرسلىك ماتېرىياللىرىغا كىرگۈزۈش، دەرسخانىدا سۆزلەش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەسىگە سىڭدۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنىڭ ئىدىيە، سىياسىي تەلىم – تەربىيەسى ۋە دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى مۇھىم مەزمۇن قىلىشى، مەكتەپ ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەر خىل پائالىيەتلىرىگە سىڭدۈرۈشى؛ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق خەلق تەشكىلاتلىرى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلىپ، ئۆزگىچە ئۆگىنىش، تەربىيەلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

  4. ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، ئىستىلنى ئۆزگەرتىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ مەقسەت قارىشىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتە نامايان قىلىپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپلەرنى شىنجاڭنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، قاراشنى يېڭىلاپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ياخشى پارتىيە ئىستىلى بىلەن پارتىيە ۋە خەلقنىڭ رايىنى مۇجەسسەملەپ، ھۆكۈمەت ئىستىلى ۋە خەلق ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئېسىل پارتىيە ئىستىلى بىلەن پارتىيە ۋە ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، ھۆكۈمەت ئىستىلى ۋە خەلق ئىستىلىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار، ئامما يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ‹‹ تىرىشساقلا ئۆزگەرتەلەيمىز، تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ›› دېگەن پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلىپ، شىنجاڭچە روھنى زور كۈچ ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭچە ئۈنۈمنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تېخىمۇ جاسارەتلىك ۋە ياراملىق بولۇشتەك روھىي ھالەت بىلەن شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك. جايلار، تارماقلار پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

  
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە