باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ‹‹پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى تارقاتتى (3)

2012.11.29 15:49        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1. پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي تېمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، بايراق، يول، روھىي ھالەت، كۈرەش نىشانىدىن ئىبارەت ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك تۆت چوڭ مەسىلىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك؛

  2.ئۆتكەن بەش يىل ۋە ئون يىلدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى تارىخىي نەتىجىلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ قەتئىيلىك بىلەن ئاڭلىق ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛

  3. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە يېتەكچى ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى تېخىمۇ ئاڭلىقلىق بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە نامايان قىلىش كېرەك؛

  4. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ مول مەزمۇنى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسىي تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە قەتئىيلىكنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك؛

  5. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش نىشانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنى سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش، مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، ‹‹ئىككى تىپ››تىكى جەمئىيەت قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىللە، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي پىلانلانغان، ئۈنۈملۈك يۈرۈشىدىغان تۈزۈم سىستېمىسىنى تېزلىكتە بەرپا قىلىش كېرەك؛

  6.سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر خىزمەتلەرنى ئىلمىي پىلانلاپ، پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك؛

  7. پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ يېڭى، ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى يۈكسەلدۈرۈشتىكى يېڭى پىكىر، يېڭى تەدبىرلەرنى ئىلمىي پىلانلاش كېرەك

  پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ماركىسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ ئەمەلىيىتىگە، بارلىق كادىرلارنىڭ، ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش، ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆگىنىشكە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش جەريانىنى تەپەككۈرنى كېڭەيتىش، تەدبىردە يېڭىلىق يارىتىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش جەريانىغا تىرىشىپ سىڭدۈرۈش كېرەك.

  پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 8–قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، قەتئىي ‹‹بەش باشتىن–ئاخىر›› تەلىپى بويىچە ‹‹بەش كۆرۈنەرلىك بولۇش، بىرگە كاپالەتلىك قىلىش›› نىشانىنى كۆزلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى تەپەككۇر يولى، يېڭى تەدبىرلىرىنى ئىلمىي پىلانلاش كېرەك.

  1. شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئىلمىي ھالقىشى، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگوچە يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر–بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىپ، ‹‹مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون قۇرۇش››تا چىڭ تۇرۇپ، بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشقا ئەمەل قىلىش ئالدىنقى شەرتى بىلەن يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكى–چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، يېڭىچە شەھەر–بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ زور ئىرادە بىلەن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز ھاياتىي كۈچ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بەخش ئېتىش كېرەك.

  2. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئۇنى ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ‹‹خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئامما بىرىنچى، ئاساسىي قاتلام مۇھىم›› دەيدىغان ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئۇنى ياخشىلاش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، داۋالىنىش، تۇرالغۇ ئۆي، كىرىمنى كۆپەيتىش قاتارلىق ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، خەلقنى ئىسلاھات، تەرەققىيات داۋامىدا ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ئورتاق بېيىشقا، زامانىۋى مەدەنىيەتكە قاراپ مېڭىشقا يېتەكلەش كېرەك.

  3. زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەتنى كەڭ كۆلەمدە راۋاجلاندۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. زامانىۋى مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭچە روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننى قاپلىغان بىر قەدەر مۇكەممەل جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈدىغان نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، زور جامائەت مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە مەدەنىيەت تۈر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت بايلىقى زور رايوندىن مەدەنىيىتى تەرەققىي قىلغان چوڭ رايونغا ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  4. يېڭى ۋەزىيەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى ۋە مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللەپ–ياشنىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇنچىلىققا، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىش››، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

  5. پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى، ئىلغارلىقنى ساقلاش ۋە ساپلىق قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشى، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىشچان، مۇلازىمەتچان، يېڭىلىق يارىتىشچان ھاكىمىيەت بېشىدىكى ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، كادىرلار دۇرۇس، ھۆكۈمەت پاك، سىياسىي ئېنىق بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى، ھەرقايسى تەرەپلەردە ئىشلەشكە تېگىشلىك خىزمەتلەر كۆپ، ۋەزىپە مۈشكۈل. جايلار ۋە تارماقلار پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ مەردانە، تېخىمۇ جۇشقۇن روھىي كەيپىيات بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، بۇ يىللىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورۇندىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى بالدۇرراق پىلانلاپ، بىر قىسىم چوڭ–چوڭ مەسىلىلەرنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، تەرەققىيات پىكىر يولى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىدا پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تەلىپىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە