باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

دىغار - سېھىرلىك ماكان (1)

ئۆمەرجان سىدىق

2012.11.09 10:35        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىغار – ئوتلۇق زېمىن تۇرپاننىڭ ئەڭ چېتىگە جايلاشقان سېھىرلىك بىر يۇرت. بۇ يەر پىچان ناھىيەسىنىڭ «تاغ ئاستى»دەپ ئاتىلىدىغان تەبئىي بىرلىكتىكى لۈكچۈن، تۇيۇق، دالانكارىز، دىغاردىن ئىبارەت تۆت يېزا، بازارنىڭ ئەڭ كىچىكى، ئەڭ جەنۇبقا، ئەڭ چەتكە جايلاشقان تەبئىي شارائىتى ناچار يېزىلارنىڭ بىرى. بۇ يېزىنىڭ جەنۇبى چۆلتاغقا، ئۇنىڭدىنمۇ نېرىسى تەكلىماكان قۇملۇقىغا تۇتىشىدۇ، ئەتراپىنى قۇملۇق، چۆللۈكلەر ئوراپ تۇرىدۇ، تۇپرىقى قۇملۇق، شورلۇق، ئۈنۈمسىز، سۇ قىس، قۇم – بوران كۆپ چىقىدۇ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى تۆۋەن. يېزىغا قاراشلىق 6 كەنتتىكى ئومۇمىي ئاھالە (مۇقىم نوپۇس) ئاران 7 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، تارقاق جايلاشقان. نوپۇسى چوڭراق يېزىلاردىكى بىر كەنتنىڭ ئاھالىسىدىنمۇ ئاز. بىراق، بۇ كىچىك، چەت، شارائىتى ناچار يېزىنىڭ داڭقى يىراق – يېقىنغا تارقالغان، چۈنكى، بۇ يەردە نۇرغۇن سېھرىي كارامەتلەر بار. بۇ يەر كروران قەدىمكى شەھىرىگە ئەڭ يېقىن يۇرتلارنىڭ، نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنقى يىپەك يولى بويىدىكى مۇھىم ئۆتەڭلەرنىڭ بىرى. بۇ يەردىكى قۇرۇقتاغ (چۆلتاغ)تىزمىلىرىنى كېسىپ ئۆتكەندە بىۋاسىتە كرورانغا بارغىلى بولىدۇ. تارىخچىلار دىغارغا «لوپنۇردىكى ئەڭ ئاخىرقى كەنت، كروران قەدىمكى شەھىرى قۇم ئاستىدا قالغاندا پەقەت دىغارلا ئامان قالغان»دەپ باھا بېرىشىدۇ...

  قىزغىن ئىنسانلار

  2012 – يىلى 5 – مارت كۈنى ۋىلايەتلىك پارتكوم ئورۇنلاشتۇرغان «يېزىلاردا تۇرۇپ، كەنتلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئائىلىلەرگە كىرىش»، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، مۇقىملىقنى ساقلاش چاقىرىقىنىڭ روھىغا ئاساسەن «تۇرپان»ژۇرنىلىمىزنىڭ مۇھەررىرى ئەمەت ئىسمايىل بىلەن بىللە ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىمىزنىڭ ئالاقىلىشىش نۇقتىسى بولغان دىغار يېزىسىنىڭ كارىزكۆل كەنتىگە كېلىپ ئورۇنلاشتىم. ئەتىسى 6 – مارت كۈنى كەچتە دىغاردا بىر ئەھمىيەتلىك چايغا داخىل بولدۇم. ئەسلىدە پىچان ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى تاغ ئاستى ئوتتۇرا ئەترىتى دەيدىغان بىر ئەترەت بولۇپ، تاغ ئاستىدىكى ئۈچ يېزا، بىر بازارنىڭ قاتناش بىخەتەرلىك ۋەزىپىسىنى زېممىسىگە ئالغان بۇ ئەترەتنىڭ ئورنى دىغار يېزىسىدا ئىكەن. چۈنكى، دىغارنىڭ جەنۇبىدىكى چۆلتاغ كان رايونىغا نەچچە ئونلىغان زاۋۇت، كان – كارخانا جايلاشقان بولۇپ، بۇ كارخانىلارغا ھەر كۈنى نەچچە ئونلاپ، يۈزلەپ چوڭ – كىچىك ماشىنىلار قاتناپ تۇرىدىكەن. بۇ يەرنىڭ قاتناش بېسىمى ئېغىر، ۋەقە كۆپ يۈز بېرىدىغان بولغاچقا، تاغ ئاستى ئوتتۇرا ئەترىتى دىغارغا قۇرۇلغان ئىكەن. ئەسلى گەپكە كەلسەك، مۇشۇ ئوتتۇرا ئەترەتكە پىچان ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىدىن ئالىمجان ئابدۇرېھىم ئىسىملىك بىر ياش يىگىت ئەترەت باشلىقى بولۇپ كەپتۇ. ئۆزى ياش بولسىمۇ، يىراقنى كۆرەر بۇ يىگىت تاغ ئاستىدىكى يېزا، بازار مەسئۇللىرى ۋە بىزنى قوشۇپ چايغا چاقىرىپتۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە