باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
ئۆمەرجان سىدىقنىڭ تەرجىمىھالى
2010.03.28 16:44     مەنبە: خەلق تورى
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  ﺋﯚﻣﻪرﺟﺎن ﺳﯩﺪﯨﻖ - 1994- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷلاپ ﺋﯘدا ﺗﯚت ﻳﯩﻞ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﺎﺧﺒﺎرات ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 2-، 3- دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ «ﻣﯘﻧﻪۋۋەر مۇھەررىر»ﻟﯩﻚ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن، 1995 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘرﭘﺎن ۋﯨلاﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﻪت-ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﭽﯩﻠﻪر ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ «ﻳﯧﯖﻰ دەۋر ﺗﯘرﭘﺎن ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﻪۋۋەر ﺋﺎﭘﺘﻮر» ، ﻛﻮﻣﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﻳﺎﺷلار ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺗﯘرﭘﺎن ۋﯨلاﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪارﯨﻠﻪر ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ «10 ﻣﯘﻧﻪۋۋەر ﻳﺎش» ﺑﻮﻟﯘپ ﺑﺎﮬﺎلاﻧﻐﺎن. تۇرپان ۋﯨلاﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﺎرﺗﻜﻮم ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎت ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘرﻏﺎن «ﻳﯘرﺗﯘﻣﻨﻰ ﺳﯚﻳﯩﻤﻪن» ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻪر ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﭘﺎرﭼﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮى ﻣﯘﻧﻪۋۋەر ﺋﻪﺳﻪر ﺑﻮﻟﯘپ ﺑﺎﮬﺎلاﻧﻐﺎن. 1996-ﻳﯩﻠﻰ «ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎت ﭘﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﮭﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﺎﻏﯟەن» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﺎﺧﺒﺎرات ﺋﻪﺳﯩﺮى ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ رادﯨﺌﻮ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﮬﺎلاﺷﺘﺎ 2-دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن. 2000 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘرﭘﺎن ۋﯨلاﻳﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎت، ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎر ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗلاﻧﻐﺎن. 2001 - ﻳﯩﻠﻰ «توغراققا ئايلانغان ئادەملەر» ناملىق ھېكايىسى ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﻠﯘق ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت-ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﭽﯩﻠﻪر ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ -«ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﺎﻧﺘﻪﯕﺮى ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ» ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن. 2003-ﻳﯩﻠﻰ «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ» ﻧﯩﯔ 1-دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﻪۋۋەر ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎرﯨﻲ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮى، «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﻪۋۋەر ﺋﺎﭘﺘﻮرى، ﺗﯘرﭘﺎن ۋﯨلاﻳﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﺎﮬﺎلاﻧﻐﺎن «10 ﻣﯘﻧﻪۋۋەر ﻳﺎش»ﻧﯩﯔ داﺋﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪن ﻳﺎش ﺑﻮﻟﯘپ ﺑﺎﮬﺎلانغان. 2004-ﻳﯩﻠﻰ 9-ﺋﺎﻳﺪا «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﯩﺪا ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن «ﺋﺎﺑﺪۇﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘر ۋە ﺋﯜچ ﺋﻪﯕﮕﯜﺷﺘﻪر» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن 2-ﻗﯧﺘﯩﻢ «ﺧﺎﻧﺘﻪﯕﺮى ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ»ﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن. 2005 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘرﭘﺎن ۋﯨلاﻳﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ «ﻛﯚزﮔﻪ ﻛﯚرۈﻧﮕﻪ ﺋﻮن ﻳﺎش»ﻧﯩﯔ داﺋﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪن ﻳﺎش ﺑﻮﻟﯘپ ﺑﺎﮬﺎلاﻧﻐﺎن. ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ «ﺗﯘرﭘﺎن ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ»دە ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن «ﺋﻪڭ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻣﭽﻪ ﺳﯘ ﻛﯚز ﻳﯧﺸﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘن» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﺎﺧﺒﺎرات ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن 2 - دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﺎﺧﺒﺎرات ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ئېرىشكەن. 2007 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘرﭘﺎن ۋﯨلاﻳﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ «ﺋﻮن ﻣﯘﻧﻪۋۋەر ﺋﺎﺧﺒﺎراﺗﭽﻰ»ﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮى، «ﺗﺎرﯨﺦ - ﺗﻪزﻛﯩﺮە ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎر ﺷﻪﺧﺲ» ﺑﻮﻟﯘپ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗلاﻧﻐﺎن.



1】  【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە
خەۋەرلەر
كۆپ ۋاستىلىك پروگراممىلار
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved