باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ قەلب ساداسى :«ئىتتىپاقلىق،مۇقىملىق،ئىناقلىق،تەرەققىيات»لا چىڭ قائىدە
دىلزات 
2009.07.24 10:55  
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  مەن شىنجاڭ قارىماي نېفىتلىكىدە ئۆسۈپ چوڭ بولغان، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرىستېتىنى پۈتتۈرۈپ،جۇڭگو نېفىت سېلىقلاشتۇرۇش شېركىتى غەربىي شىمال شۆبە شىركىتى نىڭشيا ۋاكالەت باشقارمىسىدا دېرىكتور بولۇپ ئىشلەۋاتقان ،شۇنداقلا شەرەپلىك ھالدا پارتىيگە كىرگەن بىر ئۇيغۇر ياش.

  5-ئىيۇل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئۇرۇش،چېقىش،بۇلاش،كۆيدۈرۈش زوراۋانلىق جىنايى قىلمىشى دۆلىتىمىزگە غايەت زور ئىقتىسادىي زىيان يەتكۈزدى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغىمۇ يامان تەسىربەردى.ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن مەن تاراتقۇلاردىن ،ئۆيدىكىلەردىن ۋە دوستلىرىمدىن بۇ ۋەقەنىڭ پىلانلىق،تەشكىللىك ئېلىپ بېرىلغان زوراۋانلىق جىنايى قىلمىش ئىكەنلىكىنى،بىر ئۇچۇم يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىپ،مەقسەدلىك ھالدا مىللىي زىددىيەت تۇغدۇرۇپ ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى، ئاخىرىدا پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە سالغان ئوپچە زوراۋانلىق قىلمىشىقا ئايلانغانلىقىنى بىلدىم. مەن رابىيە باشلامچىلىقىدىكى ئاتالمىش«دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»نىڭ تېرورلۇق قىلمىشىدىن نەپرەتلىنىمەن،ئۇلار جۇڭگودىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ شۇنداقلا دۇنيادىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يۈزىنى چۈشۈردى،يۈزىمىزگە قارا سۇۋىدى.

  ئۇزۇن يىللىق ئۈسۈپ يېتىلىش ۋە خىزمەت تەجىرىبىسى ئارقىلىق شۇنى چوڭقۇر ھىس قىلدىمكى،ھەر مىللەت ئىتتىپاقلىقى ۋە مۇقىملىق جەمئىيەتنىڭ ئىناق تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇستەھكەم ئاساس،دۆلەت خاتىرجەم ،جەمئىيەت ئىناق بولغاندىلا،كارخانا تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈم ھاسىل قىلالايدۇ،مەنمۇ مۇشۇ كەڭرى بوشلۇقتا ئۆزەمنىڭ ئىقتىدارىنى نامايەن قىلالايمەن،ئۆز كۈچۈمنى جارى قىلدۇرۇپ،جەمئىيەتكە تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشالايمەن.

  غەربىي شىمالدىكى ئىقتىسادى ئارقىدا قالغان ئۆلكە بولغانلىقتىن ،شىركەتنىڭ «غەربىي شىمال رايونى كوئىنلون سىلىقلاش مېيىنىڭ ئېسىل بازىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش»شوئارىغا ماسلىشىىش ئۈچۈن،بىز دۇچ كىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلە يەنىلا ئادەم مەسىلىسى،بىزنىڭ نىڭشيا ۋاكالىتەن سېتىش ئورنىمىزدىكى خىزمەتچىلەر ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ،خۇيزۇ،خەنزۇ،ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتتىن تەركىب تاپقان كۆپ مىللەتلىك كوللېكتىپ،قانداق قىلىپ ئىتتىپاقلاشقان ،مۇقىم ،تەرتىپلىك ،تەشكىللىك كوللېكتىپ بۇلۇپ ئۇيۇشۇش ئاچقۇچلۇق مەسىلە.شۇڭا ۋاكالىتەن سېتىش ئورنىنىڭ دېرىكتورى بولغانلىقىم ئۈچۈش ،مەن تېخمۇ زور كۈچ بىلەن باشقۇرۇش رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرىشىم كېرەك.پەقەت ئۆزەملا خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ قالماستىن ،بەلكى يەنە ئەتراپىمدىكى ھەربىر خىزمەتچىنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكلەپ،كوللېكتىپنىڭ كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىم كېرەك .

  ئۈرۈمچىدە زوراۋانلىق قىلمىشى يۈز بەرگەندىن كېيىن ،ۋاكالىتەن سېتىش ئورنىدىكى خىزمەتچىلەر بەزى ناتوغرا ئۇچۇرلار تەرىپىدىن قايمۇقۇپ قالمىدى.ئەكسىچە، ھەقىقىي ئەھۋالغا ئاساسەن توغرا ھۆكۈم چىقىرىپ،ج ك پ نىڭ تەدبىرىنى قوللاپ،شىركەت چۈشۈرگەن ھەربىر ۋەزىپىنى رەتلىك ،جايىدا ئورۇنداپ،ھەربىر ھۆججەتنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ،ۋاكالىتەن سېتىش جەريانىدىكى باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ،قەرەللىك تەشكىللىنىپ،بىخەتەرلىك ئۆگىنىشى ،سىياسى ۋە كەسپىي ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇپ،خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇمۇمىي ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ۋاكالىتەن سېتىش ئورنىنىڭ خىزمىتىنى ھىچقانداق تەسىرگە ئۇچراتمىدى.

  شىنجاڭ ئازاد بولغاندىن،بۇلۇپمۇ ئىسلاھات- ئېچىۋىتىشتىن بۇيانقى 30 يىل مابەينىدە،تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا مىسىلسىز ئۆزگىرىشلەربولدى.شىمالىي شىنجاڭدىن جەنۇبىي شىنجاڭغىچە،ۋە مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىگە بېرىپ قارايدىغان بولسىڭىز ، كىشلەرنىڭ خۇشال تۇرمۇشتىن ھوزۇر ئېلىپ ،مەدەنىيەت ۋە ئىلگىرلەش يولىدا ئىزدىنىۋاتقانلىقى زاھىر بولىدۇ.ئۈرۈمچى بارغانسىرى بىر گۈزەل ھەم پىشىپ يېتىلگەن چوڭ شەھەر قىياپىتىنى نامايەن قىلماقتا.شىنجاڭغا ئۆگىنىش ،ساياھەتكە بارغان كىشلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ھىىسياتتا بولىدۇ.

  بۇ يىل بىرىنچى ئۆكتەبىر جۇڭخۇا خەلق جۇمھورىيىتى قورۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق خۇشاللىق بىر كۈنى ،بىز خۇجىنتاۋ باشچىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئويۇشۇپ،مەركەزنىڭ تۈرلۈك سىياسەت فاڭجېنلىرىنى ھىمايە قىلىپ،مىللەتلەر ئىتتىپاقىلىقى خىزمىتىگە ياخشى باشلامچىلىق قىلىپ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش جەريانىدا، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ،ياخشى سىياسىي نەزەرىيە ئارقىلىق ئۆزىمىزنى قۇراللاندۇرۇپ، ھەق-ناھەقنى ئىنىق ئايرىيالايدىغان ئۆتكۈرلۈككە ئىگە بولىشىمىز كېرەك. ئۆز خىزمىتىمىزنى ياخشى ئىشلەپ ،ۋەتىنىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قورۇلىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھورىيىتى قورۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن كۈتۈۋالىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىريە(پراكتىكانت)
خەۋەرلەر
كۆپ ۋاستىلىك پروگراممىلار
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved