باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تورداشلار مەركىزى>>تورداشلار ئاۋازى

ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنىڭ ئوقۇتۇشتىكى رولى

تۇرسۇنجان ھەسەن

2016.04.11 17:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىشكە قانداق يېتەكلەش ھەر بىر ئاتا-ئانا ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئەڭ باش قاتۇرىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ئۆگىنىش ئارقىلىق بىلىم ئىگىلەش، بىلىمنى چۈشىنىش، بىلىمنى مۇستەھكەملەش، بىلىمنى ئىشلىتىپ قىممەت يارىتىش بۈگۈنكى دەۋرنىڭ تۈپ تەلىپى شۇنداقلا ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ موھىم ھالقىسى ھېسابلىنىدۇ.

  ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئەڭ موھىم ۋەزىپىسى ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش شەكىلىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بايقاشتىن ئىبارەت ئىككى خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ. قوبۇل قىلىش خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىش بولسا، پەننىي بىلىملەرنى سىستېمىلىق ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلغان بولغاچقا، ئۆگىنىشنىڭ شەكلى ھۆكۈم قىلىش شەكىلىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بولسا بىلىمنى قوبۇل قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ. بايقاش خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىشمۇ پەننىي بىلىملەرنى سىستېمىلىق ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەمما، ئوقۇغۇچىلاردىن بىلىم ئىگىلەش جەريانىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن بايقاش، چۈشىنىش ھەم ئاساسىي قۇرۇلمىنى ئىگىلەشنى تەكىتلەيدۇ. ئۆگىنىشنىڭ شەكلى مەسلە شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بىلىمنى بايقۇغۇچى ھېسابلىنىدۇ. قوبۇل قىلىش خاراكتېرىدىكى بۇ ئىككى خىل ئۆگىنىش شەكلى ئۆز ئارا بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ. ئېلىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئۆگىنىش ئادىتى بىر خىل ھالدىكى پاسسىپ قوبۇل قىلىش، بىلىملەرنى يادلاشتىن ئىبارەت بولۇپ كەلدى.

  نۆۋەتتىكى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى جەريانىدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىشىگە ئىلھام بېرىش تەكىتلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئاكتىپچانلىقىنى يوقىرى كۆتۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل ئۆگىنىشىگە ئىلھام بېرىشنى تۈپ نىشان قىلىدۇ.

  ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش بىر خىل قابىلىيەت بولۇپ، ئۇ قوبۇل قىلىش خاراكتېرىدىكى ئۆگىنشنى تەكىتلەپ، ئۆلۈك يادلاشقا قارشى تۇرىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئىزدىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئۆزى بىۋاسىتە قول سېلىپ ئىشلەپ، ئۇچۇر توپلاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭى بىلىملەرنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى، مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىپ ھەل قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇپ ھەمكارلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

  ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قابىلىيىتى-ئوقۇش قابىلىيىتى، پىكىر قىلىش قابىلىيىتى، قايتا پىكىر قىلىش قابىليىتىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئامىلدىن تەركىب تاپقان. بۇ ئۈچ خىل ئامىل بىر-بىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۆزئارا بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  كىتاب ئوقۇش قابىلىيىتى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى بىلىملەرنى ئىگىلىشىنىڭ موھىم ۋاسىتىسى ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ موھىم يولى. ئوقۇش قابىلىيىتى ئەڭ ئاساس، ئەڭ ئاچقۇقلۇق ئۆگىنىش قابىلىيىتى بولۇپ، ئۇ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قابىلىيىتىنىڭ سىرتقى ئىپادىلىنىشى ھېسابلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈنۈمىنىڭ ياخشى-يامان، يوقۇرى-تۈۋەنلىكىنى بىۋاسىتە بەلگىلەيدۇ. ئوقۇش-ئوقۇتۇشنىڭ سۇبيېكتى بولغان ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئوقۇش، چۈشىنىش، قوبۇل قىلىش ۋە ئىشلىتىشتىن ئىبارەت مۇرەككەپ پىسخىك جەريان.

  پىكىر قىلىشنى بىلمىگەن ئوقۇغۇچى ھەققىي بىلىم ئىگىلىيەلمەيدۇ. پىكىر قىلىش قابىلىيىتى ئەڭ يادرولۇق بولغان تۈپكى ئۆگىنىش قابىلىيىتى بولۇپ، مۇستەقىل ئۆگىنىش قىلىشنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش سەۋىيەسى ۋە ساپاسىنى بىۋاسىتە بەلگىلەيدۇ. ئوقۇغۇچىلار پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق بىلىمنى چۈشىنىپ قوبۇل قىلغاندىلا، سىرتتىن قوبۇل قىلغان بىلىملەرنى ئۆزىنىڭ ئىچكى بىلىمىگە ئايلاندۇرالايدۇ. پەقەت پىكىر يۈرگۈزۈلگەن ئۆگىنىشلا ھەققىي مەنىگە ئىگە ئۆگىنىش، قىممىتى بار ئۆگىنىش ھېسابلىنىدۇ.

  پىكىر قىلىش قابىليىتى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قۇيۇش قابىلىيىتى بولۇپ، ئۇ، مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇش، مەسىلىنى بايقاش، مەسىلىنى ئانالىز قىلىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئۆگىنىشى مۇقەررەر مەسىلىدىن باشلىنىدۇ. مەسىلە بولمايدىغان بىلىم ئېلىش ئىستىكى بولمايدۇ. مەسىلە بولمايدىكەن، مەسىلىنى ھەل قىلىشمۇ بولمايدۇ، ئوقۇغۇچىلارمۇ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزەلمەيدۇ. مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇش، ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان مەسىلىنىڭ قىممىتى بولۇش نوقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇ دەرسخانا سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان يادرولۇق ئامىل ھېسابلىنىدۇ.

  قايتا پىكىر قىلىش قابىلىيىتى – ئۆزىگە ئۆزى غوجا بولۇشتىكى مۇقەررەر يول بولۇپ، قايتا ئويلىنىشنى بىلىش، ئۆگىنىش قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشنىڭ موھىم ئىپادىسى. قايتا ئويلىنىشنى ئۆگىنىۋالغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشىدە بىر خىل سەزگۈر، سەگەك ھالەتنى ساقلاپ قالىدۇ. ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش ئۈنۈمىگە ئاكتىپ دىياگنوز قۇيىدۇ، ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش نىشانى ئۈستىدە ئاكتىپ مۇلاھىزە يۈرگۈزىدۇ. ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشىگە قارىتا قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق، ئاڭلىق ھالدا قارىغۇلارچە ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى خۇلاسىلەپ ئىلغاش، شاللاش، چىقىرىپ تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆزىدە ياخشى بولغان ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۇرىدۇ. مانا بۇ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنىڭ يادروسى ۋە جېنى.

  ساپا مائارىپى - ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىدىغان مائارىپ. ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىشنىڭ غوجايىنى. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلار مۇستەقىل ئۆگىنىش قارىشىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى، ئۆگىنىش پائالىيىتىدىكى ئۆزىگە ئۆزى غۇجا بولۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشى، پىكىر يۈرگۈزۈشى ئىنتايىن موھىم. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش جەريانىدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئىگىلىشى، ئاكتىپلىق بىلەن پىكىر قىلىشى ۋە ئەمەلىي پائالىيىتى ئارقىلىق دەرسخانىنىڭ غۇجايىنىغا ئايلىنىشىغا يول قۇيۇش بىلەن بىللە، ئۆگىنىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش كەيپىياتى يارىتىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىشنى جارى قىلدۇرۇش مۇستەقىل ئۆگىنىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۇشنىڭ موھىم يولى ھېسابلىدۇ.

  ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرۇش ئوقۇتۇشتا مۇۋەپپەققىيەت قازىنىشنىڭ موھىم بىر ئۇسۇلى بولۇپ، قىزىقىش - ئۆگىنىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇستاز ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشكە قىزىقىشى ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈنۈمىگە غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشكە قىزىقىشى قانچە قۇيۇق، كەيپىياتى قانچە يوقۇرى بولسا، ئۇلار تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ قىزغىنلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئۆگىنىشتە يۇلۇققان قىينچىلىقلارنى قەيسەرلىك بىلەن يېڭىش روھىنى نامايەن قىلىدۇ. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە قوزغاش ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ موھىم ھالقىسى ھېسابلىنىدۇ.

  ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش جەريانىدا، ئوقۇغۇچىلار قانداق ئۆگىنىش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى قانائەتلەندۈرەلەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىشى، ئۆزىگە غۇۋا بولغان ھەم ئۆزى چۈشەنمەيدىغان، ئۆزى مۇستەقىل ھەل قىلالمايدىغان مەسىلىلەرنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا بىلىشكە ئىنتىلىشى لازىم. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش پائالىيىتىدىكى مۇستەقىللىقى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەتراپلىق پىكىر يۈزگۈزۈپ، ئەڭ ياخشى ئوقۇتۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشىشنى قولغا كەلتۈرۈشى لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنىڭ ئوقۇتۇشتىكى رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

  ‏31‏.03‏.2016 ئاۋات

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر