باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>تورداشلار مەركىزى>>تورداشلار ئاۋازى

تېنىچ،ئىتتىپاقلىقنى نىشان قىلىپ ساغلام تور مۇھىتى بەرپا قىلايلى

ئەكبەرجان ئەسەت

2015.03.06 18:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر دەۋرنىڭ ھاياتىي كۈچى، دەل شۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ بولۇپمۇ شۇ دەۋردىكى ياشلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ.ساغلام ۋە ئەقلىيلىكلىككە ئىگە قەلب، ئەتراپتىكى كىشىلەرگە ھاياتنىڭ قانچىلىك گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرالايدۇ.

  ياشلار ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ تاللىشىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشى، چىن قەلبىدىن بۈگۈنىگە ۋە كەلگۈسىگە بولغان چۈشەنچىسىنى ھەقىقى مەنىسىدىن ئىلمىلىككە كۆتۈرىشى كېرەك. چۈنكى رىئاللىق ئىلمى قانۇنىيەتنى ئاساس قىلىدۇ. تەرەقىياتمۇ ئىلمى فورمۇلا ئاساسىدا، ئىلمى كەلگۈسىنى يارىتىدۇ. ھېسسىي چۈشەنچە، رىئاللىقتىن يىراقلاشقان پەلپەتىش نەزىريە ھەرگىز بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ قىبلىنامىسى ياكى تۇرمۇش قارىشى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئىلمىلىك بىلەن قوراللانغان ئومومى دۇنيا ۋەزىيىتىدە، رىئالىقتىن ئايرىلغان ئادەم ھامىنى قۇرۇپ كەتكەن دەرەخكە ئايلىنىپ، تارىخنىڭ توپا-چاڭلىرىنىڭ ئاستىغا كۆمۈلۈپ كېتىدۇ.

  توختاڭ! ئارقىڭىزغا، ئەتراپىڭىزغا شۇنداقلا يىراققا ۋە يېققىنغا ئوبدان قاراڭ. نەدىن كەلدۇق ؟ نىمىلەرنى كۆردۇق ؟ تارىختىن قانچىلىك دۇنيا قاراش شەكىللەندۈردۇق!

  ئولتۇرۇپ ئوبدان ئويلاڭ. يۇقۇرى ئاۋازدىن ياكى ھاياجانلىق خىتاپلاردىن ئازراق بولسىمۇ ئايرىلىپ تىنىچقىنە ئولتۇرۇپ ئوبدان ئويلاڭ. كەلگۈسىگە قاراڭ. سىزدە ئەشۇ نامەلۇم كەلگۈسى ئۈچۈن تەييارلانغان قانچىلىك دەسمايە بار ؟ سىزدە كەلگۈسىئەۋلاتلارنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن تەييارلىغان قانچىلىك ھاياتىي كۈچ ۋە ئىشەنچ بار !

  بىز جەمىيىتىمىزگە مەسئۇل بولايلى. بىز بۈگۈننى قەدىرلەيلى. كەلگۈسىگە مەسئۇل بولايلى. كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ ئىستىقبالىغا قاراڭغۇ سايە تاشلاپ قويمايلى. شەخسىيەتچىلىك ۋە تەرەپبازلىقنى دادىللىق بىلەن چۆرۈپ تاشلايلى. بىز بارلىقچۈشەنمەسلىك ۋە ئىشەنمەسلىكنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ يوقۇتايلى. كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا خاتىرجەم ۋە ئىللىق بىر ماكاننى قالدۇرۇپ كېتەيلى. ئۇلار بىزنى‹‹ ئەجداتلىرىمىز، مەسئۇلىيەتچان كىشىلەر ئىدى›› دەپ ئەسكە ئالسۇن.

  مەۋجۇتلۇق ھەرگىزمۇ يەككە ھالدا مەۋجۇت بولمايدۇ. يەككىلىك ئىنسانىيەت تارىخىدا مەڭگۈلۈك مەغلۇبىيەتنىڭ سىمۋولى. ئۇنىڭ قانداقلىكى غايىسى ياكى بايلىقى ۋە ياكى قورالى بولىشىدىن قەتئىنەزەر ھامىنى مەغلۇپ بولىدۇ. چۈنكى ئۇ مىللىتارىزىم ۋە تار مىللەتچىلىكنىڭ مەنبەسى. ئۇ ئومومى ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى. ھاياتلىقنىڭ كۈشەندىسى. مانا شۇ سەۋەپتىن، بىز بۇ دەۋردە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدىكى ئايرىلماسلىق نەزىريىسىنى بىلەن يەكۈنلەپ چىقتۇق.ھەممىمىز ھاياتنى سۆيىمىز. ئەمما سۆيۈشنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى بىلىپ كېتىشمىز ناتايىن.ھاياتلىقنى سۆيۈش ھەرگىزمۇ ئۆزىمىز سۆيۈشتەك ئاددى مەنىدە ئەمەس. ئەتراپتىكى ھەر بىر ھاياتلىقنى ۋە ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ھەقىقى مەنىدىكى ھاياتلىقنى سۆيۈشتۇر. ھاياتلىق زەنجىرى نەزىريىسىنى ھەممىمىز بىلىمىز. بۇ زەنجىردە ئاسماندىكى بۈركۈتتىن تارتىپ يەردىكى قۇرۇت-قوڭغۇزغىچە ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇلاردىن بىرى يەنە بىرىدىن مۇھىم ئورۇن ھىساپلانمايدۇ. ناۋادا بۇ زەنجىرنىڭ بىر ھالقىسى كەم بولسا بارلىق ھاياتلىق زەنجىرى ۋەيران بولىدۇ. دىمەك باشقىلارنى سۆيۈش ماھىيەتتە ئۆزىمىزنى ۋە كەلگۈسىمىزنى سۆيگەنلىكىمىزدۇر.

  سۆيۈش شۇنداق بولسۇنكى ئۇنىڭ ئەتراپقا بىلىنىدىغان ھارارىتى ، تارقىتىدىغان ئۈمۈت ۋە مۇھەببەت پۇرىقى بولسۇن.

  بۈگۈنكى دەۋر زادى قانداق دەۋر ؟

  بۇنىڭغا بېرىدىغان جاۋابىمىز چوقۇم ھەر خىل بولىدۇ .چۈنكى توغرا تەپەككۇر ئاساسىدا ئۆزىنىڭ ئورنىنى، جەمىيەتتىكى قىممىتىنى توغرا باھالاپ، ئۆز ئىستىقبالى توغرىسىدا ئىلمى يەكۈن چىقىرالايدىغان ياشلار كۆپ ئەمەس.بىز تىنىچلىق ۋە ئىتىپاقلىق توغرىسىدا نۇرغۇن تەشەببۇس ۋە تەرغىباتلارنى ئاڭلاپتۇرىۋاتىمىز.ئۇنداقتا بۇ مەزمۇندىكى تەشەببۇسلار مەلۇم ئورگاننىڭلا مەنپەئەتى ئۈچۈنمۇ ؟

  بىز تىنىچ ۋە ئىتىپاقلىققا ھەقىقەتەن مۇھتاجمۇ ؟

  بىز مۇھتاج. بىز ئىستىقبالىمىزنىڭ كاپالىتى ئۈچۈن تىنىچ ئىتىپاقلىققا مۇھتاجمىز.تىنىچ-ئىتىپاقلىققا مۇھتاجلىقىمىزنى چۈشىنىشتىن ئىلگىرى، ئۆزىمىزدىن سوراپ باقايلى.بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى تىنىچلىق ئۆزىمىزنىڭ تىنىچلىقىمۇ ياكى باشقىلارنىڭ تىنىچلىقىمۇ ؟بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى ئىتىپاقلىق بىز ئۈچۈن پايدىلىقمۇ ياكى زىيانلىقمۇ ؟ بىزنىڭ تىنىچلىق ئۈچۈن قىلىۋاتقان كۈرەشلىرىمىزدە يۇقۇرقى ئىككى نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش تولىمۇ زۆرۆر.چۈنكى بۇ نۇقتىلار ھەممىمىزنىڭ مىڭڭىسىدە روشەنلەشمىسە بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىز ئۈنۈم بەرمەيدۇ.

  ئىتىپاقلىق قانداقتۇ، بىز كۈندە تەكىتلەپ تۇرىدىغان نەزىريە ئەمەس. بەلكى ئەمەلىي ھەركىتىمىز بىلەن قارشى تەرەپنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدايدىغان، ھۆرمەت قىلىدىغان پوزىتسىيە. بەلكىم بەزىدە بۇ خىل پوزىتسىيە بىزنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر مەنپەئەتىمىز بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشى مۇمكىن. بىراق بىز ئومومى جەمىيەتنىڭ تىنىچلىقى ئۈچۈن ئەشۇ ئازغىنە مەنپەئەتىمىزدىن ۋە ناتوغرا ئوي-خىيالىمىزدىن ۋاز كېچىشىمىز كېرەك. بىزدە ئىتىپاقلىق ئۈچۈن شۇنداق بىجادىل پوزىتسىيە بولغاندىلا كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز. ئورتاق ۋە باراۋەر بولغان جەمىيەت قۇرۇلمىسىنى يارىتىپ بارچە مىللەت ئىتىپاق ياشايدىغان مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈرەلەيمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇمكى باراۋەر ۋە ئورتاق بولغان قۇربانلىق بېرىشىمىز كېرەك. بۇ خىل قۇربانلىق مەلۇم ئورگاننىڭ ياكى تەشكىلاتنىڭ قۇربانلىقى بولۇپ قالسا بولمايدۇ. شۇنداقلا يەككە تەرەپنىڭ قۇربانلىقى بولۇپ قالسىمۇ بولمايدۇ. ئۇ تىنىچلىق ۋە ئىتىپاقلىق قۇرۇلىشىغا قاتنىشىۋاتقان بارچە ئادەمنىڭ قۇربانلىق بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر بۇ خىل روھنى بارلىققا كەلتۈرمىسەك، بىزنىڭ تىنىچلىق قۇرۇلىشىمىز بەسى مۈشكۈل قۇرۇلۇشقا ئايلىنىپ قالىدۇ.تىنىچلىق بولغاندىلا خاتىرجەملىك بولىدۇ. خاتىرجەملىك بولغاندىلا ئويلىنىش ۋە ئىجاتچانلىق بولىدۇ.

  ئىجاتچانلىق بولغاندىلا يۈكسىلىش ۋە تەرەقىيات بولىدۇ. تەرەقىيات بولغاندىلا كەلگۈسىمىز كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. كەلگۈسىمىز كاپالەتكە ئىگە بولغاندا كېيىنكى ئەۋلاتلار خاتىرجەم ھالدا دۇنياۋى رىقابەتكە يۈزلىنىدۇ.دىمەك تىنىچلىق مەلۇم ئورگاننىڭ مەنپەئەتى بولماستىن، ھەر-بىرىمىزنىڭ يەنى ياشانغانلاردىن تارتىپ بۆشۈكتىكى بوۋاقلىرىغىچە ھەممەيلەننىڭ مەنپەئەتى. ھاۋا سۇدىنلا كېيىن تۇرىدىغان جانىجان ئېھتىياجى.

  شۇنىڭ ئۈچۈن تىنىچلىق ۋە ئىتىپاقلىقتىن مىنۇت-سېكۇنت ئايرىلىپ قالماسلىققا مەجبۇرمىز.بىر جەمىيەت ئۇنۋېرسال تەرەپلەردىن تۈزىلىدۇ. ئۇنىڭ يۇقۇرى تەرەپلىرى بولغاندەك تۆۋەن تەرەپلىرىمۇ بولىدۇ. ئاكتىپ كۈچلىرى بولغاندەك پاسسىپ تەرەپلىرىمۇ مەۋجۇت بولىدۇ. ماكرو بۆلەكلىرى بولغاندەك مىكرو تەرەپلىرىمۇ ھەم بولىدۇ.مانا شۇنداق ئۇنۋېرسال قۇرۇلمىنىڭ بىرلىككە كېلىشى بىر جەمىيەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.بۇ جەمىيەتتە ئاكتىپلىق پاسسىپلىققا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. چۈنكى ئاكتىپلىقنىڭ ھاياتىي كۈچى پاسسىپلىقنىڭ ھاياتىي كۈچىدىن يۇقۇرى بولىدۇ. ماكرو بۆلەكلەر مىكرو بۆلەكلەرنى قوغدايدۇ. مىكرو بۆلەكلەر خاتىرجەملىك ئاساسىدا ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ جەمىيەتنىڭ ئالغا سىلجىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۇناسىپ ھەسىسىنى قوشىدۇ.دىمەك بىر دەۋر، بىر جەمىيەتنىڭ ئىستىقبالى ھەر-بىرىمىزنىڭ قولىدا بولىدۇ. بۇ ئىستىقبال مەلۇم تەرەپنىڭلا ئىستىقبالى بولماستىن، پۈتكۈل جەمىيەتتىكى ھەر-ساھەنىڭ ئىستىقبالى. بۇ مەجبۇرىيەت مەلۇم توپنىڭلا مەجبۇرىيىتى بولماستىن ھەر-بىرىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى. ئۆز-ئارا ئىشەنچ ۋە مۇھەببەت ھەممىزنىڭ بىردىن-بىر تاللىشى.

  بىز ئىشەنچ تىكلەيلى. ئەتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەيلى. ئىشەنمەسلىكنىڭ، يېتىرقاشنىڭ، گۇمان ۋە پىتنىلەرنىڭ سېسىق پۇراقلىرىدىن يىراق تۇرايلى. سەمىمىلىكنى ئۆزىمىزىدىن، ئائىلىمىزدىن، ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىزدىن ھالقىتىپ ئەتراپىمىزغا يېيىتايلى. دەۋرداش ياشاۋاتقان ھەر-بىر ھاياتلىققا، ھەر-بىر ئىنسانغا سەمىمى قەلبىمىزنى سۇنايلى. ئۇلاردىكى تىل ياكى قىياپەتنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن قەلبىمىز خىرەلەشمىسۇن. ئۇلاردىكى ئىجتىمائى ئورۇننىڭ ئىگىز-پەسلىكىدىن سەمىمىلىكىمىز سۇسلاشمىسۇن. بىز دادىللىق بىلەن جەمىيەت قۇرۇلمىمىزنى ئېتىراپ قىلايلى. بىز مانا شۇ قۇرلما ئاساسىدا، گۈزەل جەمىيەت قۇرۇپ چىقايلى.نۆۋەتتىكى، يۇقۇرىدىن تۆۋەنگە قەدەر، تىنىچلىق ئىتىپاقلىق تەكىتلىنىۋاتقان دەۋردە، كەڭ تور دۇنياسىدىكى تورداشلارنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنى توغرا رەۋىشتە ئىجرا قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز. ھەر-بىرىمىزنىڭ بۇ كۈرەشتە ئىجابى ھاياتىي كۈچىمىزنى نامايەن قىلىپ جەمىيتىمىز ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.ياشلار، جەمىيىتىمىزنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە مىللەتلىرىمىزنىڭ ئىناقلىقى ئۈچۈن ئويلىغانلىرىمىز بولسا دەرھال ھەركەتلىنەيلى. ئارزۇ ۋە ئىستەكلىرىمىزنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرايلى. بۇ دەۋردە بىزنىڭمۇ بىر كىشىلىك ھوقوقىمىز ۋە مەجبۇرىيىتىمىز بارلىقىنى بارچە خەلىققە بىلدۈرەيلى

  قېنى تورداشلار ئۈمۈتكە تولغان گۈزەل كەلگۈسىمىز ئۈچۈن ئالغا !

  باغداش تورىدىن ئەكبەرجان ئەسەت يازمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر