باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
«شانلىق 60 يىل –مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىناقلىقى »نى تېما قىلغان ئەسەر قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى
2009.09.10 16:46  
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ غەمخورلىقى، قوللىشى ئاستىدا،مەملىكىتىمىزدىكى مىللىي رايونلاردا ئىقتىساد تەرەققىي قىلىپ،جەمئىيەت ئىلگىرلەپ ،خەلق خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىگە بولدى.60يىلدىن بۇيان،مىللىي رايونلار جۇمھۇرىيەت بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرىلەپ،ھەركۈنى خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى.يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەنتەنىلىك تەبرىكلەش ،يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 60يىل،بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 30يىل مابەينىدە مىللىي رايونلارنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردە ئېرىشكەن نەتىجىلىرنى نامايەن قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ،جەسۇرانە ئالغا ئىلگىرلىگەن روھىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن،ھەر قايسى جەمئىيەت ،ساھەلەردىكى تىكى ھەر ساھە ئوقۇرمەنلەر ۋە تورداشلاردىن ئاشكارا ئەسەر قوبۇل قىلىمىز.

  بىرىنچى،ئەسەرمەزمۇنى :

  1.ئەگەر سىز مىللىي رايوندا تۇرۇۋاتقان بولسىڭىز ،قايسى مىللەت بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئەتراپىڭىزدىكى ھەربىر ئۆزگىرىشنى خاتىرىلەپ چىقىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.ئائىلە كىرىمڭىز ئاشتىمۇ ؟سىز تۇرۇۋاتقان كەنت –مەھەللىلەردە يېڭى يول ئېچىلدىمۇ ؟تېلېۋىزور تۇرمۇشىڭىزغا قاچان سىڭىپ كىرگەن؟ ئەتراپىڭىزدا قانداق مۇنەۋەر كادىر ۋە ئۈلگىلىك پېرسوناژلار بار؟ ۋە باشقىلار.

  2.ئەگەر سىز مىللىي رايوندىكى رەھبىرىي كادىر بولىسىڭىز، ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق رايوننىڭ تەرەققىيات ئىزنالىرىنى يېزىپ چىقىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.شۇنداقلا يەنە مىللەتلەر خىزمىتىنى ئىشلەش جەريانىدىكى تەسىراتىڭىزنى ئورتاقلىشىشىڭىزنىمۇ قارشى ئالىمىز.

  3.ئەگەر سىز مىللىي رايوندىكى كارخانىنىڭ مەسئۇل خادىمى ياكى خىزمەتچىسى بولىسىڭىز،شۇ كارخانىنىڭ ڭىزنىڭ ئۆسۈپ –يېتىلىش جەريانىنى تەسۋىرلەپ ،كۆپچىلىككە كارخانىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ،يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار ئىتبار بېرىش سىياسىتىنىڭ بار -يوقلۇقىنى ۋە كارخانىنىڭ تەرەققىيات كېلەچىكى قاتارلىقلارنى ئېيتىپ بېرىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

  4 .ئەگەر سىز مىللىي رايونلارنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم بولسىڭىز، مۇتەخەسسىس ياكى ئاددىي بىر ئادەم بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر،ئۆزىڭىز تۇرۇۋاتقان مىللىي رايونلارنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى ،دىنىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى،ھېيىت –بايرام،يېمەك-ئىچمەكلىرىنى ،ناخشا-ئۇسسۇل ،كىىيم –بېزەكلىرىنى ۋە باشقا مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرىنى دەپ بېقىڭ.

  ئىككىنچى،ئەسەرگە قويۇلغان تەلەپ:

  1 ،ئەسەرنىڭ مەزمۇن، تېمىسىنى ئۆزىڭىز بەلگىلىسىڭىز بولىدۇ،خەت سانى چەكلەنمەيدۇ.

  2.ئەسەر خەنزۇچە يېزىقتە ياكى مىللىي يېزىقتا يېزىلسىمۇ بولىدۇ.مىللىي يېزىقتىكى ئەسەرلەر موڭغۈل،زاڭزۇ،ئۇيغۇر،قازاق،چاۋشيەن يېزىقىدا بولۇشى كېرەك،باشقا يېزىقتىكى ئەسەرلەر ۋاقتىنچە قوبۇل قىلىنمايدۇ. 3.ئەسەر ئەۋەتكەندە ،««شانلىق 60 يىل –مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىناقلىقى »تېمىسىغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئېنىق يېزىڭ.

  ئۈچىنچى،ئەسەر ئەۋەتىش ئۇسۇلى :پەقەت ئېلىكترونلۇق نۇسخلا قوبۇل قىلىنىدۇ.

  ئەسەر ئەۋەتىش ئىلخەت ئادىرىسى: uyghur@peopledaily.com.cn

  تۆتىنچى ،پائالىيەت تەشۋىقاتى : بىز ««شانلىق 60 يىل –مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىناقلىقى »غا ئەسەر قوبۇل قىلىش بويىچە، مەخسۇس سەھىپە ئېچىپ،تورداشلاردىن كەلگەن ئەسەرلەرنى خەلق تورىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى بېتىدە قەرەللىك ئېلان قىلىمىز ،ئالاھىدە نادىر ئەسەرلەرنى مۇناسىۋەتلىك ژۇرناللارغا تەۋسىيە قىلىمىز.

  خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىريە(پراكتىكانت)
خەۋەرلەر
كۆپ ۋاستىلىك پروگراممىلار
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved