باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى

كىتاب ئوقۇماسلىققا باھانىڭىز بارمۇ؟

2016.05.11 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، فولكلورشۇناس تۇرسۇن ساۋۇت ئۇدمىش دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغان بىر پارچە سۈرەت نۇرغۇن كىشىنى تەسىرلەندۈردى. بۇ سۈرەت يەنئەن يولىدىكى بىر كىتابخانىدا تارتىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئون ياشلار چامىسىدىكى ئىككى ئۇيغۇر قىزنىڭ بىرىنىڭ يەردە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ كىتابتىن دەپتىرىگە بىر نەرسە كۆچۈرۈۋاتقان، يەنە بىرىنىڭ ئۇنىڭغا كىتاب تۇتۇپ بېرىۋاتقان كۆرۈنۈشى ئىدى. بۇ سۈرەت قارىماققا ناھايىتى ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدا چوڭقۇر بىر مەزمۇن، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كىتابقا بولغان ھېرىسمەنلىكى ناھايىتى ياخشى سۈرەتلەپ بېرىلگەن. مانا بۇ جەمئىيىتىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ كىتابقا بولغان قىزغىنلىقى.

  لېكىن، بىر قىسىم ياشلىرىمىز ئارىسىدىكى كىتاب ھەققىدە دېيىشكەن بەزى گەپ-سۆزلەر كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئىنتېرنېتنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، كىتاب ئوقۇيدىغانلار كۈندىن-كۈنگە ئازلاۋېتىپتۇ، ھازىرقى ياشلار ئېنتىرنىتتىن پايدىلىنىپ، ئىرىشمەكچى بولغان بىلىملىرىگە ئېرىشەلەيدىكەن، شۇڭا بىلىم قۇرۇلمىسىنى تولۇقلاش، ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كىتابقا تايانمىسىمۇ بولىدىكەن. مەن بۇنداق ياشلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىدىن بىزدە كىتاب ئوقۇيدىغانلار ھەقىقەتەن ئازىيىپ كەتتىمۇ ياكى ياشلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلالايدىغان كىتابلىرىمىز يوق دېيەرلىكمىدۇ؟ دېگەن خىيال پەيدا بولدى ۋە ھەقىقىي ئەھۋالغا جاۋاب تېپىش مەقسىتىدە، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئىگىلىدىم ھەم ئەسلىي ئىشنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ يەتتىم.

  ھازىر مەملىكەت بازارلىرىدىلا ئەمەس، شىنجاڭ بازىرىدىمۇ ئەڭ ياخشى سېتىلىۋاتقان نۇرئەلى ئابلىزنىڭ «بىر يىل ئىچىدىكى 8760 سائەت» دېگەن كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچىسى بۇ يىل 3-ئايدا نەشردىن چىقىپ، ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 30 مىڭ پارچە سېتىپ تۈگىتىلگەن. كىتاب نەشردىن چىقماي تۇرۇپلا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مۇھىت ۋە بايلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى سېتىۋالدى سۇلتان 6000 پارچە كىتابنى زاكاز قىلىپ، ئون كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىتتا سېتىپ تۈگەتكەن، بۇ كىتابنى سېتىۋالغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئىچكى ئۆلكىلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى سېتىۋالدى سۇلتان ئارقىلىق سېتىۋالغان.

  شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتىنىڭ مۇھەررىرى نۇربىيە ئىسمايىل مۇنداق دېدى: چوڭلىرىمىز ياشىغان دەۋر بىلەن ھازىرقى دەۋرنىڭ پەرقى ھەقىقەتەن زور. بۇرۇنقىلار ئاساسلىق بىلىملەرنى كىتابتىنلا ئالاتتى. ھازىرقى ياشلاردا تاللاش كۆپ. شۇنداق بولسىمۇ، يەنىلا قىممىتى بار كىتابنى چوقۇم ياخشى كۆرىدىغان ياشلار كۆپ دەپ ئويلايمەن. نۇرئەلى ئابلىزنىڭ «بىر يىل ئىچىدىكى 8760 سائەت» دېگەن كىتابى ئەمەلىي مىسال بولالايدۇ. بۇ كىتابنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز سېتىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ياشلارغا نۇرئەلى ئۆزى قىلىۋاتقان ئەمەلىيىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ۋاقىتنى ئىگىلەش تەجرىبىسى ئارقىلىق يول كۆرسەتكەن. ھازىر ئىنتېرنېتتىنلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىشلاردىن خەۋەر تاپالايمىز. لېكىن، بىزگە ھازىر ئىھتىياجلىق بولغىنى پەقەت بىلىپ قېلىش ۋە تەسىرلىنىشلا ئەمەس، بەلكى ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ياش باسقۇچىدىكى ئۆز ئالاھىدىلىكىنى بايقاشقا يول كۆرسىتىدىغان ھەم ئىلھام بېرىدىغان كىتابلارغا؛ خىزمەتچى، ئىگىلىك تىكلىگۈچى ۋە كارخانىچىلار نىشانىغا يېتىش توغرىسىدىكى كىتابلارغا؛ ئاياللار پەرزەنت تەربىيەسى، پىسخىك تەربىيەسى توغرىسىدىكى كىتابلارغا؛ تۇرمۇش قۇرۇش ئالدىدىكى ياشلار تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىنكى بىلىملەر توغرىسىدىكى كىتابلارغا چوقۇم ئىھتىياجى چۈشىدۇ. شۇڭا ياشلىرىمىز يەنىلا ئىزدەنگۈچىلەرگە ئىلھام، مەدەت بېرىدىغان، ئەقىل بۇلاقلىرىنى ئاچالايدىغان، كىشىلەرگە مەنىۋى كۈچ بېغىشلايدىغان، ئاداشقان ۋە قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا توغرا يول كۆرسىتىپ ياردەم بېرەلەيدىغان كىتابلارغا ئىھتىياجلىق. بۇ ئىھتىياجنىڭ ھەممىسى تور دۇنياسى ئارقىلىق ھەل بولۇپ كېتىشى ناتايىن. ھەر زاماننىڭ ئىھتىياجى بويىچە كىتاب چىقىرىشقا كۆڭۈل بۆلسەك، ياشلىرىمىزنىڭمۇ چوقۇم ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، فولكلورشۇناس تۇرسۇن ساۋۇت ئۇدمىش مۇنداق دېدى: كىتابنى ئەزىزلىگەننىڭ ئورنىمۇ ئەزىز بولىدۇ. ناداننىڭ بىر ئەسىرلىك ئۆمرى كىتاب ئوقۇغان بىلىملىك كىشىنىڭ يىرىم ئەسىرلىك ئۆمرىدىن قىسقا بولىدۇ. شۇڭا، جاھان قانداق تەرەققىي قىلسۇن، ھەر قانداق نەرسە كىتابنىڭ بۇ ئارتۇقچىلىقلىرىنى تارتىۋالالمايدۇ. كىتاب ئوقۇشتىكى مەقسەت ھەقىقىي ئادەم بولۇش ئۈچۈندۇر. كىتاب ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدا كۈچ ئۇلاش كالتىكى رولىنى ئوينىغان. تارىختىن بۇيان، كىتاب يازىدىغانلار ئىنسانلارنىڭ يول باشچىلىرىغا، مەنىۋى ئۇستازلىرىغا ئايلىنىپ ئۇلۇغلانغان. تارىختا قايسى مىللەت كىتاب ئوقۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرسا ۋە كىتابنى كۆپ ئوقۇسا، شۇ مىللەت كۈچەيگەن، روناق تاپقان، ئەكسىچە بولغاندا ئۇ مىللەت جاھالەتتە قالغان. قايسى دەۋردە كىتاب ئوقۇش ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلانغان بولسا، شۇ دەۋرنىڭ ئاسمىنى نۇرلانغان، ئەكسىچە بولغاندا شۇ دەۋر ئاسمىنىنى ئىس-تۈتەك قاپلاپ كەتكەن.

  كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆسۈۋاتىدۇ. كىتاب سېتىۋالىدىغانلار زىيالىيلار دائىرىسىدىن ھالقىپ تىجارەتچى، سودىگەرلەر ۋە باشقا ساھەلەرگە كېڭىيىۋاتىدۇ. جايلاردىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرىدىن باشقا، نۇرغۇن شەخسىي كىتابخانىلار ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇپ، كۆلەملىشىپ، خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرماقتا. ھەتتا خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كۆپلىگەن كىتابچىلىق شىركەتلىرى قۇرۇلۇپ، كىتاب نەشر قىلىپ تارقىتىۋاتىدۇ. بەزى توي-تۆكۈنلەردە مېھمانلارغا كىتاب سوۋغا قىلىش ئارقىلىق مەرىكىلەر تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈلمەكتە. ھازىر تۈرلۈك كەسىپلەرگە ئائىت ئىجادچانلىقى كۈچلۈك، بۆسۈش خاراكتېرلىك قاراشلار ئوتتۇرغا قويۇلغان، ئوقۇرمەنلەرگە ھەقىقىي نەپ بېرەلەيدىغان كىتابلارنى ئۆزىمىزنىڭ ئاپتورلىرى يېزىۋاتىدۇ ۋە مەشھۇر كىتابلارنى تەرجىمە قىلىۋاتىدۇ. ياشلارنىڭ ئىچىدىمۇ تىرىشچان، داۋاملىق ئىزدىنىدىغان، كىتابنى كۆپ كۆرىدىغان ئوقوغۇچىلارنىڭ نىسبىتىمۇ خېلى كۆپ، يەنە ئالىي مەكتەپتىكى كۆپ بالىلارنىڭ كۇتۇپخانىلاردا، مەكتەپ ھويلىلىرىدا كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆپ ئۇچرىتىمىز. 2015-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدىكى بىر قىز بىر يىلدا كۇتۇبخانىدىن 200 دىن ئارتۇق كىتاب ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇپ، مەكتەپ بويىچە كىتاب ئارىيەت ئالغانلارنىڭ ئىچىدە بىرىنچى بولدى. مانا مۇشۇنداق ياشلىرىمىزمۇ بار. لېكىن بەزىبىر ياشلىرىمىزنى ئۈندىداردىن ئىبارەت يېڭى بىر شەيئى رام قىلىۋالدى. ئۇلار ئۈندىدارنىڭ ئىجابىي رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانماي، ئۇنىڭغا مەستانە بولۇپ، پۈتۈن ۋاقتىنى ئىنتېرنېت بىلەن ئىسراپ قىلىۋاتىدۇ. ھازىر ياخشى كىتابلار ھەر قانداق دەۋردىكىدىن كۆپ. ياشلار كىتاب ئوقۇمىسىمۇ يەنىلا جەمئىيەتنىڭ ئالدىدا ماڭالايدۇ، دېگەنلىك لايغەزەل، تىرىشمايدىغان ياشلارنىڭ باھانىسى، خالاس. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مۇيەسسەر ئاباھىمىت خەۋىرى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر