باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>> قانۇن -نىزاملار

جىنايەتكە چېتىشلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟

2015.08.25 16:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا ئاچقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە دائىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلەش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ شياڭجۈن مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: تەپتىش ئورگانلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلارغا دائىر دېلولىرىنى بېجىرگەندە، قانۇن بويىچە قولغا ئېلىش، ئېھتىيات بىلەن ئەيىبلەش، ئاز قاماش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جىنايەتكە چېتىشلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قولغا ئېلىنىش نىسبىتى، ئەيىبلىنىش نىسبىتى ۋە قامىلىش نىسبىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىشى كېرەك.

  مۇخبىر: قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش ئىزچىل جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان قىزىق نۇقتا بولۇپ كەلدى، تەپتىش ئورگانلىرى دېلوغا چېتىشلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قولغا ئېلىش، ئەيىبلەش، قاماشنى ئازايتىشقا دائىر قانداق تەدبىرلەرنى قوللاندى؟

  جاڭ شياڭجۈن: تەپتىش ئورگانلىرى ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك بەش تەدبىرنى قوللاندى:

  قولغا ئېلىش، قاماش شەرتلىرى چىڭىتىلدى. ‹‹ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلىرىغا دائىر تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن، جىنايىتى يېنىك، ئۈنۈملۈك ھامىيلىق شەرتى ياكى ئىجتىمائىي ياردەم تەربىيەسى تەدبىرلىرى ھازىرلانغان، جەمئىيەتكە خەۋپى يەتمەيدىغان ياكى جەمئىيەتكە يېتىدىغان خەۋپى كىچىك بولغانلار بىردەك قولغا ئېلىنمايدۇ؛ جىنايىتى بىر قەدەر ئېغىر، ئەمما سۇبيېكتىپ خەۋپى چوڭ بولمىغان، جىنايىتىگە ھەقىقىي توۋا قىلغان، ئۈنۈملۈك ھامىيلىق شەرتى ياكى ئىجتىمائىي ياردەم تەربىيەسى تەدبىرلىرى ھازىرلانغان، شۇنداقلا بەلگىلىك يېنىكلىتىش، كېمەيتىش ئەھۋاللىرى ھازىرلانغانلارمۇ قولغا ئېلىنمايدۇ؛ قولغا ئېلىش تەستىقلىنىپ بولغان قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارلىرىدىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق داۋاملىق قاماش زۆرۈرىيىتى بولمىغانلىرىغا ۋاقتىدا قويۇپ بېرىش ياكى مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى ئۆزگەرتىش تەكلىپى بېرىلىدۇ؛ جىنايى قىلمىشى يېنىك بولغان تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغۇچى، سەۋەنلىكتىن جىنايەت سادىر قىلغۇچى، مەقسىتىگە يېتەلمىگەن جىنايەتچى، ئالدىنىپ ياكى كۈشكۈرتۈلۈپ جىنايەت سادىر قىلغۇچىلاردىن جىنايىتىگە توۋا قىلغانلىرىنى قانۇن بويىچە ئەيىبلىمەسلىككە بولىدۇ؛ چوقۇم ئەيىبلەشكە تېگىشلىك بولسىمۇ، ئەمما يېنىكلىتىپ، كېمەيتىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدىغانلىرىغىمۇ قانۇن بويىچە كەڭچىلىك قىلىپ جازالاش تەكلىپى بېرىشكە بولىدۇ؛ قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلماسلىققا بولىدىغانلىرىغا قانۇن بويىچە قاماق جازاسى بەرمەسلىك تەكلىپىنى بېرىشكە بولىدۇ.

  قولغا ئېلىشقا دائىر زۆرۈر ئىسپات تۈزۈمى ۋە ئىككى تەرەپ چۈشەندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىلدى. ج خ ئورگانلىرىدىن قولغا ئېلىش قارارنامىسىگە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزۈش سەۋەبى ۋە ئاساسى توغرىسىدا ئىزاھلاپ قويۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، تەپتىش ئورگانلىرى قاماش ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىگىلەپ، قاماش زۆرۈرىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ چىقىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەپتىش ئورگانلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئۈستىدىن جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزمىگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئالماسلىق ھەققىدە قارار چىقارغاندىن كېيىن، جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزمەيدىغانلىق سەۋەبى ۋە ئاساسى ھەققىدە يازما ئىزاھات بېرىدۇ.

  قولغا ئالغاندىن كېيىن داۋاملىق قاماش زۆرۈرىيىتىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىلدى. تەپتىش ئورگانلىرى قولغا ئالغاندىن كېيىنكى رازۋېدكا باسقۇچىدا قاماش تەدبىرلىرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، كېپىلگە بېرىش شەرتى يېتەرلىك بولماسلىق سەۋەبىدىن قولغا ئېلىش تەستىقلانغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە مەخسۇس خادىم بەلگىلەپ، مۇرەسسە خىزمەتلىرى ئارقىلىق ئۇلارغا ئىمكان بار قامىماسلىقنى تەتبىقلاش شەرتلىرىنى ھازىرلاپ بېرىدۇ؛ تەكشۈرۈش، ئەيىبلەش باسقۇچىدا، تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، قامىماسلىق خەۋپىنى قايتىدىن باھالايدۇ.

  قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرگە قارىتا، ئەيىبلەش سانىنى ئازايتىش، ئېھتىيات بىلەن ئەيىبلەش، ئەيىبلىسىمۇ، ئەيىبلىمىسىمۇ بولىدىغانلارنى ئەيىبلىمەسلىك تەكىتلەندى. قۇرامىغا يەتمىگەن تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغۇچى، سەۋەنلىكتىن جىنايەت سادىر قىلغۇچى، مەقسىتىگە يېتەلمىگەن جىنايەتچى، ئالدىنىپ ياكى كۈشكۈرتۈلۈپ جىنايەت سادىر قىلغۇچىلاردىن قىلمىشى يېنىكلىرىنى قانۇن بويىچە ئەيىبلىمەسلىككە بولىدۇ؛ چوقۇم ئەيىبلەشكە تېگىشلىك بولسىمۇ، ئەمما قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلماسلىققا بولىدىغانلىرىغا قانۇن بويىچە قاماق جازاسى بەرمەسلىكنى تەتبىقلاش تەكلىپىنى بېرىشكە بولىدۇ. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدا، يەنە قوشۇمچە شەرت بويىچە ئەيىبلىمەسلىك تۈزۈمى مەخسۇس بەلگىلەندى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى دېلولىرىدىن ئەيىبلەش شەرتىگە چۈشكەنلىرىنىڭ جىنايىتىگە توۋا قىلىش ئىپادىسى بولغان، بىر يىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغانلىرىغا، تەپتىش ئورگانلىرى قوشۇمچە شەرت بەلگىلەپ بېرىدۇ ھەم ئالتە ئايدىن يۇقىرى بىر يىلدىن تۆۋەن تەكشۈرۈش مەزگىلى بەلگىلەپ تەكشۈرىدۇ، تەكشۈرۈش مەزگىلى توشقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن ئىپادىسى ياخشى بولغانلىرىغا تەپتىش ئورگانلىرى ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقىرىدۇ.

  ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.

  مۇخبىر: تەپتىش ئورگانلىرى ھازىر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئەدلىيە جەھەتتىن قوغداشتا دۇچ كەلگەن ئاساسىي مەسىلىلەر قايسى؟ قانداق ھەل قىلىنىدۇ؟

  جاڭ شياڭجۈن: ھازىر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئەدلىيە جەھەتتىن قوغداشتا مۇنداق مەسىلىگە دۇچ كەلدۇق:

  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە دەخلى – تەرۇز قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا كۈچلۈك زەربە بېرىلمىگەنلىكى، بەزى جىنايى قىلمىشلار ۋاقتىدا بايقالمىغانلىقى ۋە قانۇن بويىچە جازالانمىغانلىقى سەۋەبىدىن جىنايەتچىلەرنى چۆچۈتۈش يېتەرلىك بولمىغاچقا، دېلو سانى ئازايمايۋاتىدۇ؛ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەر دەۋا تەرتىپى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىزچىللاشتۇرۇش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ يېنىك جىنايەت سادىر قىلىش خاتىرىسىنى پېچەتلەش ئىجراسى يېتەرلىك ئەمەس، مەجبۇرىي ئاقلاش يۈزەكى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ؛ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئەدلىيە جەھەتتە قوغداش بەلگىلىمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىشتا چەتنەش كۆرۈلۈپ، جىنايەتكە چېتىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئەدلىيە جەھەتتە قوغداش زىيادە تەكىتلىنىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى سۈپىتىدە قوغدىلىشى ۋە پاناھلاندۇرۇلۇشىغا سەل قارىلىۋاتىدۇ؛ قوشۇمچە شەرتتە ئەيىبلەنمىگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەكشۈرۈش، ھەرىكىتىنى تۈزىتىش تەدبىرلىرى كەمچىل بولۇۋاتىدۇ، قىسمەن جايلاردا ئايرىم قاماش، دېلولارنى ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلىمىسى ئىجرا قىلىنمايۋاتىدۇ، دېلو بېجىرىش خادىملىرىنى كەسىپلەشتۈرۈش تەلىپى ئەمەلىيلەشمەيۋاتىدۇ.

  بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، تەپتىش ئورگانلىرى ئالدى بىلەن قانۇن – بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەۋا نازارىتى بىلەن باشقا ئورۇنلارنىڭ خىزمىتىنى بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئەدلىيە جەھەتتە قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئائىلىدە قوغداش، مەكتەپتە قوغداش، جەمئىيەتتە قوغداش ۋە ئەدلىيە جەھەتتە قوغداشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

  مۇخبىر: سىرتتىن كەلگەن قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارلىرىغا قارىتا قولغا ئالماسلىق، ئەيىبلىمەسلىكنى باراۋەر تەتبىقلاش مەسىلىسىدە قانداق ئىلگىرىلەشلەر بولدى؟

  جاڭ شياڭجۈن: جىنايى ئىشلار دەۋاسى جەريانىدا، جىنايى قىلمىشى يېنىك بولۇپ قولغا ئېلىش زۆرۈرىيىتى بولمىغان بەزى سىرتتىن كەلگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەر شۇ جايدا كېپىل بولغۇچى ۋە مۇقىم ئولتۇراق ئورنى بولماسلىق قاتارلىق كېپىلگە بېرىش شەرتىنى ھازىرلىمىغانلىقتىن، ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلغۇچە قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ؛ زۆرۈر ياردەم، تەربىيە شەرتلىرىمۇ ھازىرلانمىغانلىقتىن، ئۇلارغا ئەيىبلىمەسلىك قوشۇمچە شەرتىنى تەتبىقلاشمۇ قىيىن بولۇۋاتىدۇ.

  جىنايەتكە چېتىشلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، شۇ جايدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بىلەن سىرتتىن كەلگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى باراۋەر مۇئامىلىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، شاڭخەي، جياڭسۇ، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردىكى تەپتىش ئورگانلىرى جامائەت پاراۋانلىقىنى يولغا قويغان كارخانىلار بىلەن غەمخورلۇق قىلىش، كۆيۈنۈش، ياردەم بېرىش، تەربىيەلەش بازىلىرىنى قۇرۇشنى سىناق قىلىپ، سىرتتىن كەلگەن جىنايەتكە چېتىشلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش، ياردەمگە ئېرىشىش، تەربىيەلىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر