باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>> قانۇن -نىزاملار

ۋاكالەتچى ۋەسىيەتنى ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ نامىدا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزسە بولامدۇ؟

2015.08.25 16:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋاكالەتلىك قىلىش ۋاكالەتچىنىڭ ۋاكالەتلىك ھوقۇقى دائىرىسىدە ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ نامىدا ئېلىپ بارغان، ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان ۋە ھەق تەلەپ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن ۋاكالەتچىلىكتە قانۇندا ۋاكالەتچىلىك قىلىشقا بولمايدىغان ئەھۋاللارمۇ بار.

  ‹‹ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى››نىڭ 63 – ماددا 3 – تارمىقىدا، قانۇندىكى بەلگىلىمە ياكى ئالاقىدارلارنىڭ پۈتۈشكىنى بويىچە ئۆزى ئېلىپ بارىدىغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىدە ۋاكالەتلىك قىلىشقا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇنىڭدىن سىرت، گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ۋاقىتلىق نىزامى››نىڭ 16 – ماددىسىدا، ئالاقىدارلار ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشتا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئورنىغا بېرىپ يازما ياكى ئاغزاكى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك، باشقىلارغا ۋاكالەتلىك قىلىشنى ئىلتىماس قىلماقچى بولسا، ۋاكالەتلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئىسپاتنى كۆرسىتىشى كېرەك. لېكىن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈشنى ھاۋالە قىلىش ئىلتىماسى، بايانات ئېلان قىلىش، بالا بېقىۋېلىش، ۋەسىيەت، ئىمزا قويۇش ۋە تامغا بېسىشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىشقا بولمايدۇ. ئالاقىدارلارنىڭ ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بولسا، ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرى ئالاقىدارلارنىڭ تۇرار جايىغا بېرىپ، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشلىرىنى بېجىرسە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

  ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى>نى ئىجرا قىلىشقا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى پىكىر››نىڭ 78 – ماددىسىدا قانۇن ياكى ئىككى تەرەپنىڭ پۈتۈشكىنى بويىچە ئۆزى ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك بولغان ھەق تەلەپ ھەرىكىتىنى ئۆزى ئېلىپ بارالمىسا، ئۇنى ئىناۋەتسىز ھەرىكەت دەپ بېكىتىش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. ۋەسىيەت جىسمانىي خاراكتېرگە ئىگە ھاۋالە قىلىشقا بولمايدىغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى بولۇپ، باشقىلارنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىشقا بولمايدۇ، لېكىن ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرىنى تۇرار جايىغا بېرىپ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر