باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>> قانۇن -نىزاملار

ئېلىپ ئىشلىتىلگەن يەرگە بېرىلىدىغان تۆلەم ھەققى قانداق بولىدۇ؟

2015.08.25 16:56         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹يەر باشقۇرۇش قانۇنى››نىڭ 47 – ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئېلىپ ئىشلىتىلگەن يەرگە شۇ يەرنىڭ ئەسلىدىكى ئىشلىتىلىش ئورنى بويىچە تۆلەم بېرىلىدۇ. تېرىلغۇ يەرنى ئېلىپ ئىشلىتىشكە بېرىلىدىغان تۆلەم ھەققى يەر تۆلەم پۇلى، ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى ھەمدە يەر ئۈستىدىكى نەرسىلەر ۋە مايسىلارغا بېرىلىدىغان تۆلەم پۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىشلىتىشكە ئېلىنغان تېرىلغۇ يەرنىڭ تۆلەم پۇلى شۇ تېرىلغۇ يەر ئىشلىتىشكە ئېلىنىشتىن ئىلگىرىكى ئۈچ يىلنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئالتە ھەسسىسىدىن ئون ھەسسىسىگىچە بولىدۇ. ئىشلىتىشكە ئېلىنغان تېرىلغۇ يەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى ئورۇنلاشتۇرىدىغان يېزا نوپۇس سانى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. ئورۇنلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك يېزا نوپۇس سانى ئىشلىتىشكە ئېلىنغان تېرىلغۇ يەرنى يېرى ئېلىپ ئىشلىتىلگەن ئورۇننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئەسلىدىكى ئوتتۇرىچە تېرىلغۇ يەرگە بۆلۈش بويىچە ھېسابلىنىدۇ. ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ھەر بىر يېزا نوپۇسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى شۇ تېرىلغۇ يەر ئېلىپ ئىشلىتىشتىن ئىلگىرىكى ئۈچ يىلنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنىڭ تۆت ھەسسىسىدىن ئالتە ھەسسىسىگىچە بولىدۇ. ئېلىپ ئىشلىتىلگەن تېرىلغۇ يەرنىڭ ھەر گېكتارىغا بېرىلىدىغان ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى ئەڭ كۆپ بولغاندا، ئېلىپ ئىشلىتىشتىن ئىلگىرىكى ئۈچ يىلنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 15 ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى››نىڭ 26 – ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: يەر تۆلەم پۇلى يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىغا تەئەللۇق بولىدۇ؛ يەر ئۈستىدىكى باشقا نەرسىلەر ھەم مايسىلارغا بېرىلىدىغان تۆلەم پۇلى يەر ئۈستىدىكى باشقا نەرسىلەر ھەم مايسىلارنىڭ ئىگىدارىغا تەئەللۇق بولىدۇ. ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلاردىن يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىغا بېرىلىدۇ. ئۇنى يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى باشقۇرىدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ. باشقا ئورۇن ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئورۇنغا بېرىلىدۇ. بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلمايدىغانلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلارنىڭ ئۆزىگە بېرىلىدۇ ياكى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلارنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن شۇلارنىڭ سۇغۇرتا خىراجىتى قىلىنىدۇ. شەھەرلىك، ناھىيەلىك ۋە يېزا(بازار)لىق خەلق ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلىنىڭ ئىشلىتىشىگە بولغان نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر