باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>> قانۇن -نىزاملار

جازانى كېچىكتۈرۈش ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى

2015.08.25 16:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جازانى كېچىكتۈرۈش دېگەنلىك، بەلگىلىك جازا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ھازىرلىغان ئەھۋالدا، بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ئەسلىي ھۆكۈم قىلىنغان جازا شەرتلىك ھالدا ئىجرا قىلىنمايدىغان بىر تۈرلۈك جازالاش تۈزۈمىنى كۆرسىتىدۇ.

  دۆلىتىمىز جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى جازانى كېچىكتۈرۈش تۈزۈمى خەلق سوت مەھكىمىلىرى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىشقا، ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەرنىڭ جىنايى قىلمىشى ۋە توۋا قىلىش ئىپادىسىگە ئاساسەن، ئەسلىدە ھۆكۈم قىلىنغان جازانى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرگەندىمۇ، جەمئىيەتكە قايتا زىيان يەتكۈزمەيدۇ، دەپ قارىغاندا، بەلگىلىك سىناپ كۆرۈش مۇددىتى بەلگىلەپ بېرىشنى، سىناپ كۆرۈش مۇددىتى ئىچىدە جازا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەر يەنە يېڭى جىنايەت ئۆتكۈزمىسە، جىنايىتى چۈشۈپ قالغانلىقى ھەمدە مەمۇرىي قانۇن – نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ياكى ج خ تارماقلىرىنىڭ جازانى كېچىكتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك نازارەت ئاستىدا باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى سېزىلمىسە، ئەسلىي ھۆكۈم قىلىنغان جازانى قايتا ئىجرا قىلمايدىغان تۈزۈمنى كۆرسىتىدۇ.

  جازانى كېچىكتۈرۈشنىڭ ئۆزى بىر خىل جازا ئەمەس، ئۇ ئەسلىي ھۆكۈمدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل مەۋجۇت بولمايدىغان، بەلكى ئەسلىي ھۆكۈمگە تايىنىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بىر خىل جازا تۈزۈمىدۇر. بۇ، ھۆكۈم قىلىنغان جازا مەلۇم مۇددەتكىچە ئىجرا قىلىنمايدۇ، لېكىن ئىجرا قىلىش مۇمكىنچىلىكى ساقلىنىپ قالىدۇ دېگەنلىكتۇر.

  جازانى كېچىكتۈرۈش جازانى كەچۈرۈم قىلىش، تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشلار بىلەن روشەن پەرقلىنىدۇ. جازانى كەچۈرۈم قىلىش دېگىنىمىز خەلق سوت مەھكىمىلىرى جاۋابكارنى جىنايىتى بار، دەپ ھۆكۈم قىلىدىغان، ئەمما جازا ھۆكۈم قىلمايدىغان ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. جازانى كېچىكتۈرۈشتە بەلگىلىك سىناپ كۆرۈش مۇددىتى بولىدۇ، ئەمما جازانى كەچۈرۈم قىلىشتا سىناپ كۆرۈش مۇددىتى مەسىلىسى بولمايدۇ. تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتنى ھازىرلىغان جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسىنى تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

  كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جازانى كېچىكتۈرۈش تۈزۈمى جازالاش بىلەن كەڭچىلىك قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش سىياسىتىنىڭ مۇھىم ئىپادىلىنىشى. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ جىنايى جازانى تەتبىقلاشتىكى مەقسىتىنىڭ جازالاش ۋە تەربىيەلەش ئارقىلىق جىنايەتچىلەرنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ قايتا جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم كىشىلەرگە ئىبرەت قىلىش ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. جىنايەتچى مەلۇم جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەگەر ئۇنىڭ جىنايى قىلمىشى بىر قەدەر يېنىك بولسا ھەمدە ھەقىقەتەن توۋا قىلىش ئىپادىسى بولسا، جازانى ۋاقتىنچە ئىجرا قىلمىسىمۇ جەمئىيەتكە قايتا خەۋپ يەتكۈزمەيدىغان بولسا، جازانى كېچىكتۈرۈشنى تەتبىقلاشقا بولىدۇ. بۇنداق قىلىش جىنايەتچىلەرنى تەربىيەلەشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، جەمئىيەتنىڭ تىنچ – ئىتتىپاقلىقىغىمۇ پايدىلىق.

  دۆلىتىمىز جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 72 – ۋە 74 – ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، جازانى كېچىكتۈرۈشنى تەتبىقلاشتا بىرلا ۋاقىتتا تۆۋەندىكى شەرتلەر ھازىرلىنىشى كېرەك:

  1.جىنايەتچىلەرگە ھۆكۈم قىلىنغىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بولغان بولۇش؛

  2.جىنايەتچىلەرنىڭ جىنايى قىلمىشى ۋە توۋا قىلىپ ئۆزگىرىش ئىپادىسىگە ئاساسەن، جازانى كېچىكتۈرۈش تەتبىقلانسا ھەقىقەتەن جەمئىيەتكە قايتا زىيان يەتكۈزمەيدىغان بولۇش؛

  3.جىنايەتچى تەكرار جىنايەتچى بولماسلىقى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر