باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>> قانۇن -نىزاملار

قانداق ئەھۋالدا جازا ئۆتەۋاتقانلارنىڭ جازاسىنى كېمەيتىشكە بولىدۇ؟

2014.04.21 10:06         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرمە قانۇنى››نىڭ 29 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مۇددەتسىز قاماق جازاسى،مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن جازا ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ھەقىقەتەن تۆۋە قىلىش ياكى خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا ئۇلارنىڭ جازاسى كېمەيتىلىدۇ:

  (1)باشقىلارنىڭ زور جىنايى ھەرىكىتىنى توسىغانلار؛

  (2)تۈرمە ئىچى ۋە سىرتىدىكى زور جىنايى ھەرىكەتلىرىنى پاش قىلغان، تەكشۈرۈش ئارقىلىق راستلىقى ئىسپاتلانغانلار؛

  (3)كەشپىيات – ئىجادىيەت ياراتقان ياكى تېخنىكا جەھەتتە زور يېڭىلىق ياراتقانلار؛

  (4)كۈندۈلۈك ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا پىداكارلىق بىلەن باشقىلارنى قۇتقۇزۇۋالغانلار؛

  (5) ئاپەتكە قارشى تۇرۇشتا ياكى زور ھادىسىلەرنى تۈگىتىشتە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغانلار؛

  (6)دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە باشقا زور تۆھپە قوشقانلار.

  مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ جازاسى كېمەيتىلگەندىن كېيىنكى ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىدىغان قىسمى 13يىلدىن تۆۋەن بولمايدۇ؛ مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئەسلىي ھۆكۈم قىلىنغان جازانىڭ يېرىمىدىن يۇقىرى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر