باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>> قانۇن -نىزاملار

جامائەت ئەسلىھەلىرىنى ئوغرىلاش، بۇزۇۋېتىش قىلمىشى ۋە ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان جازا

2014.04.21 10:05         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جامائەت ئەسلىھەلىرى دېگىنىمىز – يوللاردىكى قۇدۇق قاپقىقى، يورۇتۇش ئەسلىھەلىرى، يول توساقلىرى، سۇغىرىش ئەسلىھەلىرى، يول بەلگىلىرى، قاتناش ئەسلىھەلىرى، ئىچىملىك سۇ تۇرۇبا يولى، پار تۇرۇبىسى يولى، ئەۋرەز يولى، بېزەك چىرىغى، ئوت مۇداپىئە ئۈسكۈنىسى قاتارلىق كۆپ خىل ئەسلىھەلەرنى كۆرسىتىدۇ. بەزى كىشىلەر جامائەت ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇۋېتىش، ئوغرىلاش ئارقىلىق شەھەر قىياپىتىگە ۋە كىشىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللار دائىم كۆرۈلىدۇ. بۇنداق قىلمىشلارغا قارىتا قانۇن بويىچە جازالاش تەدبىرى قوللىنىش زۆرۈر.

  ئوغرىلاش دېگىنىمىز – قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، جامائەتنىڭ مال – مۈلكىنى يوشۇرۇن ئوغرىلىۋېلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇزۇۋېتىش دېگىنىمىز – نەرسە ۋە ئەسلىھەلەرنىڭ مۇكەمەللىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئۇنىڭ نورمال ئىشلىتىش قىممىتىنى ۋە ئىقتىدارىنى يوقىتىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. ۋەيران قىلىۋېتىش دېگىنىمىز – نەرسە ۋە ئەسلىھەلەرنى پۈتۈنلەي بۇزۇۋېتىپ ئۇلارنى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ يۇقىرىقى قىلمىشى قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋەيران بولۇشى ۋە كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ئۇنىڭدا جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.

  قىلمىش سادىر قىلغۇچىلاردىن جامائەت ئەسلىھەلىرىنى ئوغرىلىغان، بۇزۇۋەتكەن، ۋەيران قىلىۋەتكەنلەردىن قىلمىشى يېنىك بولغانلارغا ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنىنىڭ 21 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا بەش كۈندىن يۇقىرى ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ جامائەت ئەسلىھەلىرىنى ئوغرىلىغان قىلمىشى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ئوغرىلىق دېلولىرىنىڭ دېلو ئېچىش ئۆلچىمىگە توشسا، جىنايى ئىشلار قانۇننىڭ 264 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ. مىقدارى كۆپ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ جامائەت ئەسلىھەلىرىنى قەستەن ۋەيران قىلىۋېتىپ كۆپرەك زىيان كەلتۈرگەن ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئېغىر زىيان كەلتۈرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىش سادىر قىلغۇچى يۇقىرىقى قىلمىشنى قەستەن سادىر قىلىپ قاتناش ۋاسىتىلىرنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ كېتىش ياكى ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرمىگەن بولسا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر